رۇس ئالىمىنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى
2007.07.11
ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە نازۇك قىسىمى ، چۈنكى ئۇ بۈگۈنكى خىتاي دۆلەتچىلىك سىياسىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قانداق باھا بېرىش مەسىلىسى دائىم مۇنازىرە ھەم كۆز قاراش ئىختىلاپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مەسىلىدە خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر تارىخچىلىرى جۈملىدىن چەت ئەل تارىخچىلىرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى مەلۇم دەرىجىدە ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە .
توپىلاڭمۇ ؟ قوزغىلاڭمۇ؟
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 19-ئەسىردە مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولۇش بىلەن بىرگە بۈگۈنكى خىتاي دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نازۇك مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي تارىخچىلىرى 19-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك ۋەقەلەرنى ئادەتتە "توپىلاڭ" ۋە ياكى " خوجىلارنىڭ قالايمىقانچىلىقى" شۇنىڭدەك " چەت ئەل جاھانگىرلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەم ۋەتەننى پارچىلاش قارا نىيىتىنىڭ ئىپادىسى" دەپ خاراكتېر بېرىدۇ.
ئۇنداقتا، 19-ئەسىردىكى قوزغىلاڭلار راستىنلا دىنىي ئەسەبىيلىك تۈسىدىكى توپىلاڭمۇ؟
بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن خىتاي ئالىملىرى جۈملىدىن بىر قىسىم چەت ئەل ئالىملىرى ئارىسىدا ئوخشىمىغان باھا ۋە كۆز قاراش مەۋجۇت. ئۇيغۇر تارىخچىلىرى بۇ ھەرىكەتلەرنى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى دەپ قارىسا، رۇس ئالىملىرى بۇنى "مىللىي ئازادلىق كۈرىشى" دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركولوگىيە بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان قاھار بارات ئەپەندى 19-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
رۇسىيە ئالىملىرى بۇ تېمىنى كۆپ تەتقىق قىلغان
رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاق ئالىملىرى ئۇيغۇر 19-ئەسىر سىياسىي تارىخى ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تارىخ پەنلىرى دوكتورلىرىدىن تىخونوف ، گۇرىيېۋىچ، كۇزنېتسوپ، باسخانوف ، دۇمان، دۇبروۋسكايا قاتارلىق ئونلىغان رۇس ئالىملىرىدىن باشقا يەنە داۋۇت ئىسسىيېف، ئابلەت خوجايوف، مەنسۇر رۇزىيېف ، مالىك كەبىروف قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخچىلىرى كۆپ ئەمگەك سىڭدۈرۈپ، بىر قاتار تەتقىقات كىتابلىرى ھەم ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بۇ ئالىملار ئۆز ئەمگەكلىرىدە بىردەك ھالدا 19-ئەسىردىكى مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتىنى مۇستەملىكىچىلىك سىياسەت، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى مىللىي ئازادلىق، قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرى دەپ خاراكتېرلىگەن . مانا مۇشۇنداق ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەمدە رۇسىيە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا نەزەرىيە جەھەتتىن بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ماقالە رۇس ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى ، پروفېسسور دمىترىي تىخونوفنىڭ " 1864-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلار" ناملىق مەشھۇر ماقالىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتا يۇقىرىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ كۈچىيىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن بارلىق ئالىملار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنىش ھەم ماقالە-ئەسەرلىرىدە پايدىلىنىشقا ئېرىشىلگەن ئىدى.
تىخونوفنىڭ كۆز قاراشلىرى
پروفېسسور دمىترىي تىخونوف ماقالىسىدە 1759-يىلى مەنچىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ غەربىي ئۆلكىلەردىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن "1759-يىلى قەشقەرىيە بىلەن جۇڭغارىيىنىڭ بىپايان زېمىنلىرى خىتاي ئىمپېرىيىسىگە تەرىپىدىن ئاخىرى قوشۇۋېلىندى. خىتاي قوشۇنى بۇ يېڭى رايونلاردا ھەددىدىن زىيادە ۋەھشلىكلىرىنى نامايان قىلدى. بىراق، خىتاي باسقۇنچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان بۇ رايونلاردىكى ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالمىدى.
بىرىنچى قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ باشلىنىشى 1816-يىلى يۈز بەردى، بۇ قوزغىلاڭ كىچىكرەك بولۇپ، خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇنى باستۇرالىدى. بۇ ۋەقەنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، خەلق رايوندىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ ھاسىل قىلدى. ئون يىللار ئۆتكەندىن كېيىن يېڭى يەنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۈچلۈكرەك دولقۇن كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، 1825-1827-يىللىرىدىكى ھەرىكەتنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈم سۈرگەن ئاق تاغلىق خوجىلار خاندانلىقىنىڭ ئەۋلادى جاھانگىر خوجا تۇردى. 1830-يىلى قوقەنت قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاق تاغلىق خوجىلار قىسقا مۇددەت ھاكىمىيەتنى ئىگىلىدى، 1847- ۋە 1857-يىللىرى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا بولغان نەتىجىسىز ئۇرۇنۇشلار يەنە يۈز بەردى" دەپ ئۆز بايانلىرىنى باشلايدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە، 1816-يىلىدىن تاكى 1864-يىلىدىكى كۇچار قوزغىلىڭىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كۈرەشلەر تولۇق غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى 1864-يىلىدىكى كۇچار، ئىلى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئومۇمىي يۈزلۈك مىللىي ئازادلىق كۈرەش دولقۇننىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ئاساس بولغان. مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئېزىلگەن خەلق ئۆز كۈچىگە ئىشەنگەن بولۇپ، خەنزۇ خەلقىنىڭ ئىچكىرى خىتايدا مەنچىڭ سۇلالىسىغا قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتىمۇ مەنچىڭ سۇلالىسىنى ئاجىزلىتىپ، قويغان بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرىدە غەربىي تەرەپلەردىكى تۇڭگانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرنى قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيىدىكى تۇڭگانلارمۇ قوللىغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر تارىخىدىن كەلگەن قەھرىمان پېرسوناژ - قارا ئوغلان
- ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش ئەنئەنىسى
- مەركىزىي ئاسىيا ئومۇمىي تارىخى پىلانى مۇزاكىرە ئۈستىدە
- سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى ئاشكارىلاندى
- در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى تېمىسىدىكى دوكلاتى
- تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ ئارمىيىسىدىن ھازىرقى خىتاي تارىخچىلىرى كۈچلۈك چىقىۋاتىدۇ
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى تارىخىي مۇزېي
- تۇرپاندىكى قەدىمىي شەھەرلەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىماقتا
- "قەدىمىي جۇڭگۇ زادى قانچىلىك چوڭ ئىدى" دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى بىلەن سۆھبەت
- ياۋرو ئاسىيا ئۆتكىلى - شىنجاڭنىڭ تارىخى (1)
- تەيۋەن ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ دەرسلىك كىتابىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن بەس مۇنازىرىلەر ئەۋج ئالدى
- "ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى