نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇر پۇتبولچى تونۇلماقتا


2008.02.28

يېقىنقى يىللاردىن بېرى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى ۋە ئۇنى تونۇشى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ۋە يېقىنقى ئۇچ يىلدىن بۇيان ئۇدا 3 قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلىرى قاتارىغا كىرىشى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىغە تونۇتۇشتا ئەڭ ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ بۇ دۆلەتكە كېلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ تېز كۆپىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىلگىرى ھەر ساھە ۋە ھەر كەسىپنى ئوقۇغان ۋە ئىشلىگەنلەر تىل قىيىنچىلىقىنى تېزدىن يېڭىپ ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆز ماھارىتىنى ۋە ئىقتىدارىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.

مۇشۇ قاتاردا، يېقىندا نورۋىگىيىگە كېلىپ تۇرۇش رۇخسىتىنى ساقلاۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر يىگىتى خىتاينىڭ 2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا، ھەممىنىڭ كۆزى خىتايغا تىكىلىپ تۇرغان بىر پەيتتە، ئۆزىنىڭ پۇتبول ئويناشتىكى تالانتى بىلەن ئۆزى تۇرۇۋاتقان رايوندىكى پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، مەزكۇر كوماندا ۋە كوماندا ئەزالىرىغا ئولىمپىكتەك خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان لېكىن بەدەن ۋە باشقا ساپالىرى خىتاي توپچىلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇيغۇر ئىسىملىك بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تونۇتتى. (ئايگۈل يۈسۈپ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.