خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرى جۇ يۇڭكاڭنىڭ، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق بىخەتەرلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تېررورچىلىقنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسەتكەنلىكى نۇرغۇنلىغان بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى ھەيران قالدۇرغان.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش بولۇپمۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ 6 يىللىقىدا، تېررورچىلىقنى 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن سۆزلىرىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاينىڭمۇ ئاتالمىش تېررورچىلىقنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى قايتىدىن ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارىماقتا.
نۆۋەتتە،خىتايدا تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ يوق دىيەرلىك دەرىجىدە ئاز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن سىىنگاپورلۇق تېررورچىلىق مۇتەخەسسىسى روھان گۇناراتنا، شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر ياكى ئىككىلا تېررورلۇق تەشكىلاتى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭمۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىنغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن، خىتايدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىنىڭ ناھايىتى چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
لېكىن نۇرغۇنلىغان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە خىتايغا تەھدىت قىلىدىغان بىر ھەرىكەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىنىڭ خىتايدىكى تېررورچىلىق تەھدىتى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى دەپ، قارىماقتا.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ت. كۇمار ئەپەندى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىنىڭ تېررورچىلىقنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن سۆزلىرىنى رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: " ئامېرىكا ۋە ب د ت ۋە باشقا دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلە دەپ قارىماقتا. بۇنى بىلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەر بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بۈگۈن،خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ھەرقانداق نارازىلىقىنىمۇ تېررورلۇق ھەرىكىتى كاتېگورىيىسى ئىچىگە ئېلىپ باستۇرماقتا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياقمايدىغان ھەرقانداق پائالىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېررورچىلىق پائالىيىتى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا."
ت . كۇمار ئەپەندى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنستىرى جۇ يۇڭكاڭنىڭ خىتايدىكى تېررورچىلىق توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى : " خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۆپ باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا. چۈنكى ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى سۈيئىسىتىمال قىلىۋاتىدۇ."
تېررورچىلىققا سەمىمىي قارشى تۇرۇش بىلەن تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن ئۆز سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ ئىككى ئايرىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ت.كۇمار ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككىنچى يولنى تاللىۋالغان بولۇپ، بۇ يولدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، دېدى. (ئۆمەر قانات)
