ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالماقتا

2007-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2 مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە بولغان ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرى نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە شىپا، بولۇپمۇ يۇقۇملۇق زۇكام، ئا ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي شاخچە ياللۇغى، مېڭە، يۈرەك قان -تومۇر كېسەللىكلىرى، يەللىك بوغۇم ياللۇغى، ئاق كېسەل، سۇنۇق، تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇيغۇر تېبابىتى شىپاخانىسىدىن 42 سى، 3 مىڭچە كېسەل كارۋىتى، ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرى تەتقىقات ئورنىدىن ئۈچى بار ئىكەن. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتى ئۈچۈن سالغان مەبلىغى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، نۇرغۇن مەسىلىلەر تا ھازىرغىچە ھەل قىلىنمىغان.

ئىقتىساد ۋە قوللاش كەمچىل

26 ‏- فېۋرال كۈنى تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان "قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى" ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر شىپاخانىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگىدەك ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىنتايىن كەمچىل بولغان ھەتتا ئۇلار كەسپىي ئىشلاردا زۆرۈر بولغان ئاپپاراتلار ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرىدىغان ئەسۋابلارنىمۇ سېتىۋالالمىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھازىر ئۇيغۇر تىبابىتىدە، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار تولۇمۇ كەمچىل بولۇپ، ۋارىسلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش مەسىلىسى كۈنسېرى ئېغىرلاشقان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىردىن ‏- بىر ئالىي دەرىجىلىك ئۇيغۇر تىبابىتى مەكتىپى، يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇدىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر تىبابىتى كەسپىي خادىمى مىڭغىمۇ يەتمەيدىكەن، كەسپىي ئوقۇش تارىخى بارلار ئاران 2 مىڭدىن ئاشقان ئىكەن. ئۇيغۇر تىبابىتى سىپىدە تۈرلۈك كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە خادىملار 35 پىرسەنتنى، ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە خادىملار 46% نى ئوتتۇرا ۋە كەسپىي تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە خادىملار ۋە ئوقۇش تارىخى يوقلار ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن.

"قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى" ناملىق بۇ ماقالىدە، ئاپتور ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرى ھەققىدە توختىلىپ "ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ھازىر تېبەت تېبابىتى، مىياۋ زۇ تېبابىتى دورىلىرىدەك تېز يۈكسەلمىگەن" دەپ تەكىتلىگەن. ئاپتورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2004 ‏- يىلى خىتاي بويىچە مىللىي تېبابىتى دورىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد 500 مىليون يۈئەن بولغان، لېكىن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى ئاران 50 مىليون يۈئەنگە يەتكەن، يەنى 1 % نىمۇ ئىگىلىيەلمىگەن.

ئۇيغۇر تىبابەت جەۋھەرلىرىنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىنىشى يېتەرلىك ئەمەس

مەزكۇر ماقالىدە ھازىر ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ قېلىش ئىمكانىيىتىنىڭمۇ يوق بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن 96 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسىنىڭ ئارىسىدا پاتېنت ھوقۇقى بارلار ياكى مەمۇرىي جەھەتتە قوغدىلىدىغىنى 5 % گىمۇ يەتمەيدىكەن. لېكىن تېبەت تېبابىتى ۋە مىياۋ تېبابىتى دورىلىرىنىڭ قوغداش نىسبىتى 60% تىن ئاشىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تەقلىد قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشى ئەسلىدىنلا ناھايىتى ئاجىز ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىغا نىسبەتەن يوقۇلۇش خاراكتېرلىك ئاپەت بولغان.

ماقالىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 2005 ‏- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 15 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسىنى 91 كارخانا ئوخشىتىپ ياسىۋالغان. بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدىكى بىر خىزمەتچى خادىم يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ 30 نەچچە خىل دورىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى خىتاي شىركەتلەرگە سېتىۋەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى خەتەرلىك ھالەتتە قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكنىڭ چەتئەللەردىكى تەتقىقات ئىشلىرى بىر قەدەر كۆزگە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشمەكتە. ئاتاقلىق ئۇيغۇر تېبابىتى تەتقىقاتچىسى دوختۇر مۇھەممەت ئۆمەر ئەپەندى تۈركىيىگە چىقىپ يەرلەشكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسىغا مەسئۇل بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدىكى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا 10 نەچچە يىل تىرىشىپ تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلىي داۋالاش ئارقىلىق ھازىر ئىستانبۇلدا ياۋرۇپا بۇيىچە ئورتاق تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى ياساش ۋە سېتىش شىركىتى قورۇپ چىققان.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر " ئۇيغۇر ئېلىدە، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى خىلمۇ -خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇ قىممەتلىك مىراسى تاشلاپ قويۇلماقتا " دەپ ئەندىشە قىلماقتا. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت