ئۇيغۇر ۋە تىبەتنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلىماقتا

ئۇيغۇر رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە تىبەت رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى خىتاي مىللىي سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىگە بۇرىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خوتەن چوقۇ بازىرى ناۋاغ ساقچىخانىسى. 2011-يىلى 18-ئىيۇل.
خوتەن چوقۇ بازىرى ناۋاغ ساقچىخانىسى. 2011-يىلى 18-ئىيۇل.
mil.huanqiu.com

تىبەتتە ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر رايونىدىمۇ يەنە بىر قېتىم پىچاق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ئىككى رايوننىڭ تىنچىماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە كەڭ مۇلاھىزە ياراتتى. بۇ مۇلاھىزىلەردە ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دىنىي ۋە مىللىي سىياسەتلىرى تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئامىل بۇ رايونلاردىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەپ كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، بۇ ھەقتە «دۇنيا سىياسىتىگە نەزەر» ژۇرنىلىدا تەتقىقاتچى مېگان فلوكېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسىتى ئۇنىڭ تۈركىيە ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە خەۋپ كەلتۈرمەكتە» ماۋزۇلۇق ماقالىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان.

«خەلقئارا جامائەت تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ يەنە بىر مىللىي رايونى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بىر ۋەقە يۈز بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىنى قايتىدىن كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ئۇيغۇر رايونى مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يۇرتى. ئۆز يۇرتىنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان بۇ خەلق ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتىن چەكلىنىشى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ زورىيىشى ۋە دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ ئېشىپ بېرىشى رايوندىكى ئېتنىك سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا.

ماقالىدە، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەمىنلىگەن ستاتىستىكىلار نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا تارتىلىش ۋەقەلىرىنىڭ نىسبىتى ئالدىنقى يىللاردىن 10 پىرسەنت ئېشىپ كەتكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە يېقىندا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنى باشلاپ،129 ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ، 3000 دەك كىشىگە جەرىمانە قويغان، پەقەت خوتەن ۋىلايىتىدىلا 200 گە يېقىن مەسچىتنى تاقىغان. ئاپتور مېگان يۇقىرىقى ئەھۋاللار بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنىڭمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سېلىشىنى پەقەت رايونغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەن يۆتكەپ، رايوننى «خىتايلاشتۇرۇش» نى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە ھەرقانداق يوسۇندا بىر قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرسە، بۇنى چەتئەللەردىكى بىر ئوچۇم كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ۋە ياكى ئاتالمىش تېررورچىلارغا باغلاپ، ئۇنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى قانچىلىك ئۆز سىياسىتىنى ئاقلاپ، يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنى ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشى بۇنىڭ ئەكسىچە. مەسىلەن، «ياۋراسيا خەۋەرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ تىنچىمايدىغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىسىدە «يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە باغلىسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە قارىتا بىر گۇمان پەيدا قىلماي قالمايدۇ... ئۇيغۇر ئېلىگە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھالدا يۆتكىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى مىللىي نارازىلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، بىر قاتار تۈرلەر بويىچە مەبلەغ سالغانلىقى، ئەمما يەرلىك خەلقلەرنىڭ بۇ ئىقتىسادىي پىلانلاردىن رازى ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىغا مەبلەغ سېلىپ، بىر قاتار ئىقتىسادىي پىلانلارنى يولغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك خەلقلەر خىتاي يولغا قويغان بۇ ئىقتىسادىي پىلانلارنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىدىن ۋە ئۇلارنىڭ رايوندىكى ئەڭ ياخشى خىزمەتلەرنى ئىگىلىۋالغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ. ئاتالمىش ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانلىرى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق رايونلىرىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرمەكتە.

بەزى تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارايدىغان بولۇپ، تەتقىقاتچى مېگان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان خەلق بولۇشىدەك بىر ئامىلنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتى ئۇنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى ئىچكى مەسىلىدەك كۆرۈلسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتىن ئالغاندا ئۇ خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە قارار چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلىشى، پەقەت سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق خەلقىنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپ قىلغان بۇ ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئىچىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى تۈپەيلىدىن ئەرەب باھارىدىن كېيىن ئورنىتىلغان دېموكراتىك ھاكىمىيەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتالماسلىقى مۇمكىن» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت