3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە تىبەتنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تىبەتلىكلەر، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەت دەۋاسىنىڭ ھىمايىچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان يۈزلىگەن كىشى كەڭ – كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى تىبەت ئىنقىلابىنىڭ 48 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، تىبەت خەلقىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى ئىرادىسىنى نامايەن ئەيلەشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىرادىسىنى جاكارلاش يولىدا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى بىلەن كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، بەزى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەر خىل شۇئارلار يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈشىۋالغان ئىدى. نامايىشچىلار 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 دە ميۇنخېن شەھرىنىڭ مەشھۇر Odeonsplatz مەيدانىغا توپلاندى. سائات 5:00 دىن 6:00 گىچە Odeonsplatz مەيدانىدا بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ۋە خىتايغا قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى.
قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت بايراقلىرىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى لەنەتلەيدىغان ھەر خىل لوزۇنكىلارنى، شۇنداقلا يورۇقلۇققا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە يورۇتۇلغان شاملارنى كۆتۈرۈشىۋالغان نامايىشچىلار سائەت 6:00 دە Odeonsplatz مەيدانىدىن يولغا چىقىپ، سائەت 7:00 دە شەھەر مەركىزىدىكى مەشھۇر Marianplatz مەيدانىغا يېتىپ كېلىشتى.
Marianplatz مەيدانىغا توپلانغان نەچچە يۈزلىگەن نامايىشچىلار "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك"، "تىبەتكە ئەركىنلىك"، "خىتايلار چىقىپ كەتسۇن"، "ئاشىسۇن ئىنسان ھەقلىرى"، "ئاشىسۇن مۇستەقىللىق ".... دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ، ئەتراپنى لەرزىگە سالدى.
Marianplatzز مەيدانىدا ئالدى بىلەن تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىپ ئۆتتى. قانچە يۈزلىگەن شەھەر ئاھالىسى نامايىشقا كۈزەتكۈچى بولۇپ قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى قىرغىنچىلىقلىرىنى قاتتىق تەنقىت قىلدى. تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلۈكىنى، خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، مەدەنىيەتلىرى ۋە تارىخلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنى يەر يۈزىدىن مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىپ تاشلاشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇ زۇلۇملارغا قارشى كۈرەشلىرىنىڭ تېررورىزىم بىلەن قارىلىنىپ، دەھشەتلىك رەۋىشتە باستۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى گېرمانىيىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى تىبەت ئىنقىلابىنىڭ 48 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھرىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ نامايىشقا تىبەتلىكلەردىن باشقا، تىبەت مەسىلىسىنى قوللايدىغان گېرمانلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.
گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش جەريانىدا، ئۇيغۇر نامايىشچىلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەييارلانغان 500 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋارەقچىسى تارقاتقان. بەش سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ نامايىش كەچ سائەت 10:00 دا ئاخىرلاشتى. تىبەتلىك نامايىشچىلار سائەت 10:00غا قەدەر مەشھۇر مەريەم مەيدانى ئالدىدا شام يېقىپ ئولتۇرۇپ، گېرمانىيە خەلقىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلىپ قىلدى.