گېرمانىيىدە خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش
2008.03.24
3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى مەشھۇر مەريەم مەيدانىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق يەنە بىر قېتىم جەۋلان قىلدى. قانچە ئونلىغان لوزۇنكىلار ۋە ۋىۋىسكىلار مىڭلىغان تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نامايىشچىلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازلىرى شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات مەركىزى بولغان بۇ رايوننى لەرزىگە سالدى.
كەڭ كۆلەملىك نامايىش
بۇ قېتىمقى نامايىشنى باش شىتابى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە بولغان ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقاندىن سىرت، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قازاقىستان، شۋېتسىيە ۋە باشقا ياۋرۇپا ئەللىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر مېھمانلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن، بەش ئايغا قەدەر داۋاملىشىدىغان بۇ نامايىش ۋە قارشىلىق ھەرىكىتى ھەققىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە
بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياخشى چۈشەنگەن ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە يىللاردىن بۇيان ھېسداشلىق قىلىپ كەلگەن خەلق`ئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ميۇنخېن تارمىقىنىڭ رەئىسى پاترىك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى دىققىتىمىزگە سۇندى.
ئۇ سۆزىدە، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتسىز قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپلا قالماي، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە خەلق`ئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر بىلەن بىرگە، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خىتايلار چىقىپ كەتسۇن!
بۇ قېتىمقى نامايىشتا، خىتاي زۇلمىغا ئائىت كۆپ ساندا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىلدى. نامايىشنى ئەتراپتا توپلىشىپ كۆزىتىۋاتقان چەت`ئەللىكلەرگە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى گېرمانچە چۈشەنچىلەر بېرىپ ئۆتتى. نامايىشنىڭ مەقسىدى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1949 - يىلى خىتاي ئىستىلاسىغا دۇچ كەلگەندىن بۇيانقى پاجىئەلىك تەقدىرى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرىنى شەرھىلىدى.
نامايىش جەريانىدا „خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارغا دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى بولمىغان دۆلەتتە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن، سىياسىي مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلسۇن، دېگەندەك شوئارلار ئۈزمەي توۋلىنىپ تۇردى.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا يەنە، د ئۇ ق، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيون مەركىزى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن باشقا، د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەپەندى، مەرھۇم يازغۇچى ۋە رەھبەر زىيا سەمىدىنىڭ ئوغلى رىزا سەمىدى ئەپەندى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەھبەرلىرىدىن يازغۇچى ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشتى. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تىبەتلەر خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھەركىتى ئېلىپ بارغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشتا دالاي لامانىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- گېرمانىيىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى
- گوللاندىيە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى
- بىر تۈركۈم خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ تىبەتتىكى توقۇنۇشلارغا قارىتا ئىنكاسى
- لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشى باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى مۇلاھىزىلەر
- "شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت"
- 14 - مارت لخاسا توقۇنۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى
- ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بولغان تىبەتلەر نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
- تىبەتتىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى
- ياۋروپا پارلامېنتىدا رابىيە قادىر خانىمنى قوللاش ھەققىدە مۇراجەتنامە
- خىتاينىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدىكى باياناتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يېڭى مۇلاھىزىلەرگە يول ئاچتى
- نورۋېگىيىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى
- تىبەتلىكلەر نيۇيوركتا بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى
- بارات ھاجىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى