نورۋېگىيىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇيىچە يىغىن ئېچىلدى


2008.03.11

2008 - يىلى 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق بىناسىدا تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇيىچە يىغىن ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننى نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىرلىشىپ ئويۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ھەر قايسى جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى،تىبەتلەر،ئۇيغۇرلار ۋە نورۋېگ مېھمانلاردىن بولۇپ جەمئىي 150كە يېقىن كىشى قاتناشتى.

نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئېچىلغان مەزكۇر يىغىنغا بۇ قېتىم يازغۇچىلار ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ئۆسەرنىڭ ئېرى "مېنىڭ غەربىي دىيارىم، سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ" قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ۋاڭ لىشۇڭ ئاساسلىق مېھمان سۇپىتىدە قاتنىشىپ تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەردى.

" ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتىيە ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك "

ئۇچ سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ قېتىمقى يىغىندا ۋاڭ لىشۇڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە جىددىي دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە دىنىي مەسىلىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ،پاكىتلىق رەسىملەر ئارقىلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا ئۇ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە نورۋېگلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت ۋە خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.

ۋاڭ لىشۇڭ ئابدۇسەمەت ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تىبەتتىنمۇ ناچار ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سورىغان سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى:"ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي مەسىلە ھەقىقەتەن ئېغىر. مەن بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا سەپەر قىلىش جەريانىدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۇم ۋە ئاڭلىدىم. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتىيە ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە ئەركىن، دېموكراتىك ۋە ھۆر ياشاش ھوقۇقى بار دەپ قارايمەن. خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتلىشىش ئارزۇسىغا قانداق قارايدىغانلىقىغا كەلسەك، بەزىلىرىنىڭ قارىشى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭكىدىن چوڭ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىنمايدىكەن، جۇڭگونىڭ دېموكراتلىشىش مەسىلىسىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەل ئەكسىچە، پەقەت زوراۋانلىق ئۇسۇلى ئارقىلىقلا ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك،كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنى باستۇرىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ خۇددى بوسنىيىدەك قانلىق توقۇنۇش يۇز بېرىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ توقۇنۇش بوسنىيىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى ئۇيغۇر رايونى ئىنتايىن كەڭ، ئاھالىمۇ بوسنىيىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ، شۇڭا بۇ ئىش ئاخىر بېرىپ قانلىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن."

" قوش تىل مائارىپى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئۇچۇن يۈرگۈزىلىۋاتقان پىلان "

ۋاڭ لىشۇڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ خىتاي مەكتەپلىرىگە قوشۇۋېتىلىشى ۋە ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇشتا ئىستىمالدىن قالدۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سورالغان سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەكتەپلەرنى قوشۇۋېتىشى،ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى تەدرىجى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى،خىتاي تىلىنى ئاساسلىق ھۆكۈمران تىلغا ئايلاندۇرۇشى ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلىياتسىيە قىلىش ئۇچۇن يۈرگۈزىلىۋاتقان بىر پىلان بولۇپ، بۇ ھازىر تىل مەسىلىسىدە ئوچۇق - ئاشكارا قارشىلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەپەندى ۋاڭ لىشۇڭدىن مۇنداق سورىدى:سىز ھەم خىتاي دېموكراتچىسى ھەم ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان يازغۇچى،لېكىن سىز ھازىر خەلقئارالىق بىر مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۇچۇن نورۋېگىيىگە پاسپورت ئېلىپ كېلەلىدىڭىز، لېكىن ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمەمەت ياسىن ئۆزى يازغان بىر پارچە ئەسىرى ئۇچۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. سىز بۇ مەسىلىنى قانداق چۈشەندۈرىسىز ؟ دېگەن سوئالىغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: "بۇ سوئالغا ئەسلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزى جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئەمدى مېنىڭ شەخسى جاۋابىمغا كەلسەم، بۇ خۇددى ئايالىم تىبەت مىللىتىدىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ يەرگە مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا كىلەلمىگىنىدەكلا بىر ئىش بولۇپ، سىز ئېيتقان يازغۇچى دەل ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇشۇ ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپ تۈرمىگە تاشلانغان."

" ۋاڭ لېچۇەن ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر،تىبەتلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى"

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى ھەققىدە سورالغان سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈشى ھەقىقەتەن ئېغىر بولۇپ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پىلانسىز دەپ قارالغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىنىش ئەھۋالى بەك ئېغىر.ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان مىللەت بولغانلىغى ئۇچۇن قورساقتىكى بالىنى ئۆلتۈرۈشنى ئېغىر گۇناھ دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەتكە بولغان نۇرغۇن قارشىلىقلار مۇشۇ تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان.

ئۇ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزىدىغان ئولىمپىك يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى؛ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنى تېررورچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈش قارا تىزىملىكىدىكى بىرىنچى شەخس دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئارقىلىق مەسىلىنى تېخىمۇ جىددىي ۋە يوغىنىتىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئولىمپىك باشلىنىشتىن بۇرۇن ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر،تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. (ئايگۈل يۈسۈپ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.