0:00 / 0:00
ھەر يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ب د ت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن خەلقئارا ئانا تىل كۈنىدۇر. ب د ت نىڭ بۇ كۈننى ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىشىدىكى تۈپ مەقسەت، مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت . ئەمما بۇ پرىنسىپقا ئەڭ قاتتىق خىلاپلىق قىلىۋاتقان، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى سىياسىي بېسىم بىلەن ئاسسىمىلاتسىيىگە مەجبۇرلاۋاتقان دۆلەتنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى بۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ دىلشات رېشىت ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.