دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان توغرا يول پارتىيىسىنى زىيارەت قىلدى


2007.03.30

duq-toghrayol-200.jpg
د ئۇ ق ۋەكىللىرى توغرا يول پارتىيىسى مەركىزىدە

تۈركىيەدە پارلامېنت سايلىمى يېقىنلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان مەدىنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سىياسى پارتىيەلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش خىزمىتىنى تېزلىتىۋەتتى. بۈگۈن يەنى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تەپتىش بۆلۈمى ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى ئەزاسى ئابدۇللاھ تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر تۈركىيىنىڭ ئەڭ كونا ۋە ئۇزۇن يىل ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان توغرا يول پارتىيىسى مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

ۋەكىللەر توغرا يول پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى، نۇسخەت قاندېمىر، ساففەت ئەرقانبۆدۈك، ئۇمۇت ئارىق، ئېمىن گۈندۈز قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ۋە تۈركىيەگە بولغان تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 45 بەتلىك بىر دوكلاتنى ئۇلارغا سۇندى ۋە بۇ ھەقتە ئۇلارغا ئەتراپلىق مەلۇمات سۇندى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدىنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.