ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى تۈركىيىدە

0:00 / 0:00

مەركىزى گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات مەركىزى گوللاندىيە، شىۋىتسىيە، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىش خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

ئۇلار بۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا ۋە سۈرەتكە ئالماقتا.

تۈركىيىدە بولسا بۇ ئاخبارات مەركىزىنىڭ خادىملىرى ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرگە بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئۇيغۇرلار، تارىخچىلار ۋە تۈركىيەدىكى بەزى سىياسەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارماقتا.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن قاراخان ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.