قارشى ئېلىشقا ئېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى


2007.07.18

گېرمانىيىنىڭ مېيونخېن شەھىرىگە جايلاشقان شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، تۇرمۇشى ۋە سىياسى پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنە بىر مۇھىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرى بۆلۈپ، ئۇنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىدىغان ¨ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى¨قانىلىنىڭ پروگرامىلىرى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنڭ ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ كۆرەرمەنلىرى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ھازىر شىۋېتسىيىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىۋاتقان شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسىنىڭ رىياسەتچىسى، تونۇلغان مۇخبىر پەرھاد مۇھەممەت يورۇڭقاش ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ مەقسىدى ۋە بۇ يەردىن ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.