" باش ئەگمەس مىللەت ئۇيغۇرلار ئولىمپىكنىڭ ھارپىسىدا خىتاينى بىئارام قىلماقتا "


2007.11.23

Uyghurs-200.jpg
مەزكۇر ماقالە ۋە سۈرەتنىڭ توردىكى كېلىش مەنبەسى: http://www.isn.ethz.ch/news/sw/details.cfm?id=18377

بۇ يىل 8 ‏- نويابىر كۈنى قەشقەردە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەر خىل ئوغلانلىرى دەپ ئاتالغان 5 ئۇيغۇر ئەركىنلىك جەڭچىسى ئۇچرىغان جازا، دۇنيادىكى داڭلىق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ، قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر قىلىشىغا، قەلەم تەۋرىتىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

ئۇيغۇرلار گۈزەل زىمىننىڭ ئىگىسى، ئەمما گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ئىگىسى ئەمەس

ۋاشىنگتوندىكى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جون دەلي، بۇ يىل 21 ‏- نويابىر كۈنى " ئېنېرگىيە ئاخباراتى" تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي سوتىنىڭ قەشقەردە 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى مۇلاھىزە قىلدى؛ ئۇ مۇلاھىزىسىدە " باش ئەگمەس ئۇيغۇرلار، ئولىمپىكنىڭ ھارپىسىدا خىتاينىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ" دەپ خۇلاسە چىقاردى.

جون دەلى، ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ يىلتىزى سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى كۆرسەتكەن ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ 1933 ‏- ۋە 1944 ‏-يىللاردا ئىككى قېتىم مۇستەقىللىقنىڭ تەمىنى تېتىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي توقۇنۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ باي ۋە گۈزەل بىر زېمىننىڭ ئىگىسى ئەمما، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ئىگىسى ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ۋە مۇنداق يازىدۇ: ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆمۈر زاپىسى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننا، بۇ خىتايدىكى كۆمۈر زاپاس مىقدارىنىڭ %40 ىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئۇيغۇر رايونىدا بايقالغان مىنېرال ماددىلار 138 تۈرلۈك بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تەبئىي گاز، بۇ رايوندىكى زاپاس تەبىئىي گاز مىقدارى 840 مىليارد كۈپ مېتىر بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئومۇمى تەبىئىي گاز، نېفىت زاپىسىنىڭ %25 نى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاينىڭ مانا بۇ بايلىقنى قولدىن چىقارماسلىق ئۈچۈن نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنى يول قويغانلىقىنى يازغان ئاپتور يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: 1949 ‏-يىلى ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ %80 ى ئۇيغۇر ئىدى، 2007 ‏-يىلىغا كەلگەندە، خىتاي نوپۇسى %80 گە يەتتى؛ 1970 ‏-يىلدىن كېيىن، بىر مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈپ كەلدى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ئىشىدىن ئايرىلدى، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.

جون دەلي ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى 80‏ - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شىددەتلەندى دەپ كۆرسىتىدۇ ھەم بۇ كۈچىيىشنى مۇنداق 3 ئاساسىي سەۋەپكە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ.

سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى؛ يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان قېرىنداش مىللەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشىشى. 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىدىغان ئېنېرگىيە ترانسپورتىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى.

ۋاڭ لېچۇەن: " ھەرقانداق كىشى بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانسا ئىككىلەنمەي باستۇرىمىز "

11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسى، خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە ھەم ئەندىشىگە سالدى ھەم خوشال قىلدى؛ ئەندىشىسى، ئاز ساندىكى بىر گۇرۇھ كىشىلەرنىڭ دۇنيانى ھەيران قالدۇرغىدەك ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى بايقىشىدۇر؛ خۇشاللىقى بولسا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى، تېررورچىلىققا باغلاپ چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىدۇر. خىتاينىڭ بۇ خىل پۇرسەتپەرەسلىكى ئۈستىدە توختالغان، جون دالي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جامائەتتىن يىللاردىن بېرى سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ" ئافغانىستاندىكى ئەلقائىدە ھەربىي لاگېرىدا 1000 نەپەر ئۇيغۇر بار دېگەن " سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى.

ئاپتور خىتاي سوتىنىڭ قەشقەردە، 5 ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، 10 ‏- نويابىر كۈنى، قەشقەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىك خەۋىرى بىلەن، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنياغا ئەڭ يېقىندا ئەڭ كەڭ كۆلەمدە يەنە بىر رەت ئاشكارىلاندى، دەپ يازغان ۋە خىتاينىڭ، ئولىمپىك مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرەر ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش يولى بىلەن تېنچلاندۇرۇشقا ئۇرۇنىشىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن مىسال ئېلىپ كۆرسەتكەن، ئۇ مىسالىدا، ۋاڭ لېچۈەننىڭ " ھەرقانداق كىشى ئەگەر بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانسا ياكى بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتسە، ئىككىلەنمەي باستۇرىمىز " دېگەن سۆزىنى، 2000 ‏-يىلى13 ‏-سېنتەبىر كۈنى، خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى جۇ روڭجىنىڭ " خىتاينىڭ بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغۇچىلارغا تۆمۈر مۇش بىلەن زەربە بېرىمىز " دېگەن سۆزلىرىنى، يەنە، خۇ جىنتاۋنىڭ، 2005 ‏- يىلى 25 ‏- ماي كۈنى، " ئېتنىك مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ كۈشكۈرتكۈچىلىك قىلىۋاتقان دۆلەت ئىچى ‏- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرگە رەھىم قىلمايمىز " دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن.

بۈگۈن دۇنيادا، سىياسىي قىلمىشى سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلۇۋاتقان مىللەت پەقەت ئۇيغۇرلاردۇر

ئاپتور يەنە، بېيجىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى ليۇ شاۋۋۇنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 16 -كۈنى مۇخبىرلارغا ئېيتقان " خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر ئەپۇ قىلىنمايدۇ" دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەن.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن دۇنيادا سىياسىي قىلمىشى سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلۇۋاتقان مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر؛ مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، دۇنيانىڭ ئەڭ رەھىمسىز بىر دىكتاتور تۈزۈمىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر؛ يەنە دۇنيا ئاخباراتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، دۇنيادا ئۈچ قىتئەدە تۈرمىدە يېتىۋاتقان بىر گۇرۇھ بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىدۇر. شۇنچە قاتتىق باستۇرۇشلارغا قارىماي، ئۈزۈلمەي قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلار ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىدۇر؛ مانا بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقان بولسا كېرەك، تەتقىقاتچى جون دەلي ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: " شۈبھىسىزكى، خىتايدىكى باش ئەگمەس ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلار، ئولىمپىكنىڭ ھارپىسىدا، ئولىمپىك تىنچلىقىغا مەسئۇل باشلىق ليۇ نىڭ پات-پات چۈشىنى بۇزۇپ تۇرۇۋاتىدۇ." (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.