ئۇيغۇرلار مەسىلىسى - گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئاساسى تېمىسى

گۈەنتانامو تۇرمىسىدىكى توققۇز نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننى گېرمانىيىگە قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق مەسىلىسى گېرمانىيە جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاپلا قالماي، گېرمانىيىدىكى ھەر قايسى پارتىيىلەر ئارىسىدىمۇ كەسكىن تالاش - تارتىشلارغا سەۋەبچى بولماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009.05.13
Obama-Merket-Uyghur-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺑﺎﺭﺍﻙ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﯞﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﻣﯧﺮﻛﯧﻞ ﺧﺎﻧﯩﻢ.
AFP

بۇ مەسىلىنىڭ ھەتتا 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان گېرمانىيە پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا. بۇنىڭ بىلەن، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئارقىلىق بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى.

ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەر ۋە خەۋەرلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگە نىسپەتەن ئېيىتقاندا، تۆۋەندىكى ئۈچ تېما كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى "گېرمانىيە دولقۇنلىرى" رادىئوسى يەنە بىر قېتىم گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىتايىن مايېر ئەپەندىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ توققۇز نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننى گېرمانىيىگە قوبۇل قىلىش مەيدانىنى تەكرار سورىدى. "گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى سۆھبىتى" ناملىق بۇ خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىتايىن مايەر ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ قېيىنچىلىقىنى نەزەرگە ئېلىش، ياردەم قولىنى سۇنۇش ئىشىغا يالغۇز گېرمانىيىلا ئەمەس، پۈتكۈل ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بىر ئەخلاقىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، غەرب ئەللىرىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىناۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. خىتاي پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش تۈپەيلى، گېرمانىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە يەنە بىر قېتىم دەخلى يېتىشكە تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئېلان قىلىنغان "ميۇنخېن ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى زىيارەت" ناملىق يەنە بىر خەۋەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمى ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، مۇخبىر جودى بىرايىسلەر بۇ خەۋەر ئۈچۈن د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلغان. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى زىيارەت قىلغان. ميۇنخېندىكى "تەكلىماكان رېستورانى" قاتارلىق ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنى زىيارەت قىلغان.

خەۋەردە، خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ، غەرب ئەللىرىدە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي كەچمىشلىرى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مىللىي زۇلۇملار ئارقىلىق، گۈەنتاناموغا سولىنىپ قالغان بەختسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە بىگۇناھ كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنى گېرمانىيىگە قوبۇل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئۇلارنىڭ قانداق بولۇپ ئافغانىستانغا بېرىپ قالغانلىقىنى، قانداق بولۇپ گۈەنتاناموغا ھەقسىز ھالدا قامىلىپ قالغانلىق جەريانىنى يورۇتۇپ بەرگەن.

دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدىغان يەنە بىر ئەسەر، گېرمانىيىدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن بىرى بولغان "جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى" دە 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئېلان قىلىنغان "گېرمانىيە ئەمدى خىتاي - ئامېرىكا زىددىيىتىنىڭ قۇربانى بولماقچىمۇ؟" ناملىق تەپسىلىي مۇلاھىزىدىن ئىبارەت. ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسى مۇنداق باشلانغان: "گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنىڭ بىرى: ئۇلار گېرمانىيىدە تۇغۇلغان ياكى ئۇزۇن مەزگىل ياشىغان بولۇشى، گېرمانىيىدە تۇققانلىرى بولغان بولۇشى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى بۇ شەرتكە چۈشمەيدۇ. گېرمانىيىدە زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر جامائىتى بولسىمۇ، بۇ شەرتكە يىتەرلىك ئاساس بولالمايدۇ. لېكىن شەرت مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا، دۇنيادا نۇرغۇن ئادەملەر گېرمانىيىگە كېلىپ ئورۇنلىشىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ."

ئەسەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "ئەگەر گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتى بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىش قارارى ئالسا، خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرى بولغان بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۇزۇندىن بۇيان تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتايدىكى بىر ئاز سانلىق تۈركىي مىللەت. ئامېرىكا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە، زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ دەپ قارايدۇ."

بۇ خىلدىكى خەۋەرلەر گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدىكى داڭلىق گېزىت - ژۇرناللاردا ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپلا قالماي، تېلېۋىزور قاناللىرىدىنمۇ كەڭ ئورۇن ئالماقتا. بۇ مۇنازىرىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەل بولغىچە قىززىق تېما سۈپىتىدە داۋام قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.