خىروشىما ۋەقەسىنىڭ 67 يىللىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتومنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى
2012.08.07

دەل مۇشۇ كۈنلەردە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ خىروشىما شەھىرى ۋە باشقا شەھەرلەردە تۈرلۈك مەزمۇندىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان بىر خەلق ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار قىلىشقا تىرىشتى. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى پائالىيەتلىرى جەريانىدا خىروشىما شەھىرىنىڭ 3 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتومنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش ئەھۋالى مەلۇمات بەردى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن مەلۇمات ئاڭلىغايسىلەر.
1945 - يىلى ئامېرىكا ھەربىي ئايرئوپىلانلىرى ياپونىيىنىڭ خىروشىما شەھىرىگە ۋە ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ناگازاكىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان ئىدى. ئىككى قېتىملىق ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىدا 140 مىڭ كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، ياپون خەلقى دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىلگەن بۇ پالاكەت كۈنىنى ۋە ئۇ كۈندە ئۆلگەنلەرنى ھەر يىلى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنىمۇ خىروشىما شەھىرى يەنە ئون مىڭلىغان كىشى بىلەن تولۇپ تاشتى. دۇنيا بۇيىچە يادرو قوراللىرىغا قارشى ئاۋازلار يۈكسېلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن خاتىرىلەش كۈنىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سىياسەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە خەلق بولۇپ، ئون مىڭلارچە كىشى قاتناشتى. خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ياپونىيىگە تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ئاتقان ۋاقىتتا يەنى ئەتىگەن سائەت 8: 15 مىنۇت ئۆتكەندە چېلىنغان قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن باشلاندى. مەيداندىكى ئونمىڭلىغان كىشى شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 140 مىڭ كىشىنىڭ روھى ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇردى.
شۇ كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى ۋە بىر قانچە ياپون جەمئىيەت ئەزالىرى بىرلىكتە خىروشىما شەھىرىگە بېرىپ، شۇ يەردىكى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىش بىلەن بىرگە، خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتوم سىناقلىرىنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش پائالىيەتلىرىنى قىلغان. ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئوقۇپ ئۆتۈلگەن قارارنامىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم زىيىنىغا ئۇچراش مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيىدە يادرو مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرۈۋاتقان زىيانلىرى قاتتىق قىزىق نوقتىغا ئايلانغان بىر مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، خىروشىما ۋە ناگاساكى قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ بىرقاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇلار بۇ پائالىيەتلىرىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن غايىپ بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى 1964 - يىلىدىن 1996 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا جەمئىي 42 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاتوم رادىئاتسىيىسى بىلەن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر، ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى راك ۋە شۇنىڭدەك ھەرخىل غەيرى كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىگە ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ يادرو سىنىقىدىن ئۇچرىغان زىيىنىنىڭ خىروشىما ۋەقەسىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلاردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەمما مۇشۇنداق زور بىر تىراگىدىيىنىڭ، خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن ھەتتا يادرو قورالىدىن خالىي بىر دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقان ياپونىيىدىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇلمايدىغانلىقى كىشىنى ئەپسۇنلاندۇرىدىغان بىر ئەھۋال.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 4 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە ئوخشاش پائالىيەت ئۆتكۈزۈش، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نۇتۇق سۆزلەش، ھەرخىل ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، ھازىر ياپون خەلقىدە بۇ مەسىلىگە قارىتا تونۇش بارا - باركۈچەيگەن. 6 - چېسلا خىروشىما شەھىرىنىڭ 3 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى مەخسۇس ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئىلھام ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتومنىڭ زىينىغا ئۇچراش مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان.
ئىلھام ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاشتا پاكىتنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، شۇڭا مەيلى ۋەتەن سىرتى ۋە ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۆل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.