ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا
2007.11.14

ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى بىلەن تەڭ، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي ئىختىلاپلار، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي داۋاسى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە رابىيە خانىمنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشىنى تېما قىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر مەلۇماتلار، ياپونىيىدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك گېزىتلەردە ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن كەڭ خەۋەر قىلىندى.
شۇنداقلا ھەر قايسى گېزىتلەرنىڭ خەۋىرىدە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، بولۇپمۇ تېررورچىلىق، ئۇيغۇر قىزلار مەسىلىسى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى، ئۆلۈم جازاسى، ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان رابىيە خانىمنىڭ زىيارىتى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ماقالىلەر ھەمدە مۇلاھىزىلەرنى ئاساس قىلىپ تەييارلىغان مەلۇماتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە غەرب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەر
- ياپونىيىدە، خىتاي ۋە شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەت يېزىش ھەرىكىتى قوزغالدى
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىلىكلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ شىۋىتسىيىدىكى پائالىيەتلىرى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (4)
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىۋەتتى
- سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ - مېنىڭ غەربىي دىيارىم
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (3)
- رابىيە خانىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلماقتا