ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۈمىدسىزلىككە ئىتتىرىۋاتقان ئامىللار توغرىسىدا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشلار زەھەرلىك چېكىملىككە ، ھاراققا بېرىلىش، تۈرلۈك جىنايەت يوللىرىغا مېڭىشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىدىن باشقا ئۆلۈۋېلىشقا ئوخشاش پاجىئەلىك ھادىسىلەرنىڭ كۆپىيىشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

روھىي چۈشكۈنلۈك ھەم ئۈمىدسىزلىكتىن كېلىپ چىقىۋاتقان بۇ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ سەۋەبلىرى تۈرلۈك ھەم مۇرەككەپ بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، دىنىي بېسىملار ھەم كەمسىتىش ۋە ئىشسىزلىق ، باراۋەرسىز رىقابەتكە ئۇچراشقا ئوخشاش ھۆكۈمەت ھەم جەمئىيەت تەرىپىدىن يارىتىلغان ناچار مۇھىت ئۇلارنى ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈككە ئىتتىرىۋاتقان ئاساسىي ئامىللاردۇر.

يېقىندا يۇقىرىقىدەك روھىي بېسىملار تۈپەيلى ،ھاياتتىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆلۈۋېلىش نىيىتىگە كېلىپ قالغان بىر ياش، دوستلىرى ھەم ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن دوزاق ئاغزىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇچراۋاتقان بېسىملىرى ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ئۇيغۇر ياش بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.