خەلق - ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى


2007.05.29

2007 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە باشلانغان خەلق-ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ يىللىق قۇرۇلتىيى 29 - ماي كۈنى ئاخىرلاشتى.

يىغىنغا، 300 دىن ئارتۇق مەسئۇل خادىملار ئىشتىراك قىلغان

تۆت كۈن داۋام قىلغان بۇ قۇرۇلتايغا گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن خەلق`ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 200 دىن ئارتۇق تارماق ئورگانلىرىنىڭ 300 دىن ئارتۇق مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، تەكلىپكە بىنائەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى بويىچە مۇتىخەسىسلەر، ئالىملارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

يىغىننىڭ 27 - ماي كۈنىدىكى مۇزاكىرىسىدە د ۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە قۇرۇلتاي باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۇركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات تەقدىم قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ سۆزى

خەلق`ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى يېتەكچىلىكىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز ئېلىپ، ۋەتىنىمىزدىكى خىتاي زۇلۇمى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز سۆزىدە: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى نىقاۋىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرى، مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە ئەن ئەنىلىرىمىزنى يوقۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت سۈپىتىدە يوقۇتۇش مەقسىدىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى، پىكىر ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكلىرىنىڭ كۈنسېرى بوغۇلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا مەجبۇرى يۆتكەش مەسىلىسى، سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش مەسىلىسى ۋە ھەقسىز تۇتقۇن قىلىش مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز سۆزىدە خىتاي زۇلۇمىغا ئائىت ماتېرىياللارنى، پاكىتلارنى قولغا چۈشۈرۈش ۋە چەت`ئەلگە ئېلىپ چىقىشنىڭ كۈنسېرى تەسلىشىۋاتقانلىقى سەۋەپلىك، خەلق`ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئاخبارات بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمىگەنلىكىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن.

ئۇ يەنە مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرى، باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ سۆزىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە كەڭ دائىرىدە سوئال سوراش ئىشلىرى باشلانغان.

خەلق`ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رەھبەرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ جاۋاپلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن.(ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.