كېرىيە ناھىيىسى ۋە ئاتۇشنىڭ مارالبېشى بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلىرىدا يەر تەۋرىدى

يەكشەنبە كۈنى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ تىبەتكە چېگرىداش رايونلىرىدا ۋە ئاتۇش-مارالبېشى چېگراسىدىكى رايونلاردا يەر تەۋرىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.08.13
Uyghur-yer-tewresh-305.jpg ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئاتۇش-مارالبېشى چېگراسىدىكى يەر تەۋرەشنى پەيزاۋاتنىڭ شېكەر يېزىسى ۋە مارالبېشىنىڭ سەنپېنكو بازىرىدىكى ئاھالىلەر ھېس قىلغان. بىراق يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادى زىيان ۋە ئۆلۈم-يىتىم ئەھۋالى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس. كېرىيىدىكى يەر تەۋرەش تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەچكە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ئىدارىسى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى 6.2 بال، ئاتۇش‏-مارالبېشى چېگراسىدىكى رايونلاردا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنى 5.2 بال دەپ ئېلان قىلغان. بىراق فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئورگىنى كېرىيىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەۋرەش دەرىجىسى 6.3 بال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 12‏-ئاۋغۇست كەچ سائەت 6:47 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن كېرىيە ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى مەزكۇر ناھىيىنىڭ ئاتچان يېزىسىغا قاراشلىق پولۇ كەنتى ئەتراپىدا بولۇپ، پولۇ كەنتى تىبەتنىڭ ئالىي ۋىلايىتىگە قاراشلىق گەيزې ناھىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ئىدارىسى پولۇ كەنتىدە 1-قېتىملىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ ئىككى مىنۇتتىن كېيىن 4.8 بال قالدۇق يەر تەۋرىگەنلىكى، بۇنىڭدىن 4 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن 2-قېتىملىق قالدۇق يەر تەۋرىگەنلىكى، ھەر ئىككى قېتىملىق قالدۇق يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ پولۇ كەنتى بىلەن تىبەتنىڭ گەيزې ناھىيىسى چېگرىلىنىدىغان تاغلىق رايونغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كېرىيە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىمى، يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىق، ئۆلۈم-يىتىم ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى مەلۇم ئەمەسلىكىنى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەھۋالنى ئىگىلەپ كېلىشكە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئورگىنى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنى 9 كىلومېتىر، دەپ ئېلان قىلغان. بىراق، خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ئىدارىسى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 30 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دائىرىلەر يەر تەۋرەش دېڭىز يۈزىدىن 4800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئادەم ياشىمايدىغان تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلسىمۇ، بىراق كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار زاتلار يەر تەۋرىگەن رايوندا يەرلىك چارۋىچى ۋە كانچىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پولۇ، يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن كەنت. خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش ئىدارىسى تەۋرەش مەركىزى بىلەن پولۇ كەنتىنىڭ ئارىلىقى 70 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر كەنت خوتەن بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى قاراقۇرۇمدىكى تاغلىق رايون يىپەك يولىنىڭ بىرى بولغان ھاتەم پاشا يولى (كېرىيە-تىبەت يولى)غا جايلاشقان مۇھىم تۈگۈن. ھەيۋەتلىك قاراقۇرۇم تاغلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قاغجىراپ كەتكەن چۆل دالالارنى تەبىئىي توسۇق قىلغان مەزكۇر رايوننىڭ قاتناشقا قۇلايسىزلىقى، تاشقى دۇنيادىن خالى، ئاھالىسى تارقاق بولۇشتەك خىلۋەت جۇغراپىيىلىك خاسلىقى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

گەرچە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كېرىيە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىقى خادىمى قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنىڭ تېخى يەر تەۋرەش رايونىغا يوللانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېرىيىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 24 سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن 2‏-قېتىملىق يەر تەۋرەشتۇر. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال يەنى شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاتۇش بىلەن مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چېگراسىدىكى رايونلاردا يەر تەۋرىگەن. خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش ئىدارىسى بۇ رايوندىكى يەر تەۋرەشنى 5.2 بال، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك ئۆلچەش ئورگىنى يەر تەۋرەش دەرىجىسىنىڭ 5.3 بال ئىكەنلىكىنى ۋە يەر تەۋرەش مەركىزى يەكەنگە 188 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئىدارىسى تەۋرەش مەركىزىنىڭ مارالبېشى ناھىيە بازىرىغا 39 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى، يەر تەۋرەشنى پەيزاۋاتنىڭ شېكەر يېزىسى ۋە مارالبېشىنىڭ سەنپېنكۇ بازىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھېس قىلغانلىقى، سەنپېنكۇ بازىرىدا بىر قەدەر كۈچلۈك ھېس قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىز يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە قىزىقىپ سەنپېنكۇ بازارلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ بىر خىتاي خادىمى مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، دائىرىلەرنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىن دەرھال ئاپتونوم رايون، قىزىلسۇ، مارالبېشى، ئاقچى ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، يەر تەۋرەش رايونىدا يۈز بەرگەن بۇزغۇنچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئادەم يوللىغانلىقى، بىراق ھازىرغا قەدەر بۇزغۇنچىلىق ئەھۋالى، ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، كېرىيىنىڭ تاغلىق رايونى ۋە ئاتۇش-مارالبېشى چېگراسىدىكى چەت يېزىلارغا قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى يوللاشقا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى.

بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا ياردەم قىلىشىغا يول قويۇش چاقىرىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ياردەمنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلەپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.