" ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئالدىدا 6 چوڭ توساق بار"

0:00 / 0:00

خىتاي تور ئۇچۇرلىرى يېقىنقى ئايلاردىن بېرى، خىتاي جەمىيىتىنىڭ ئىلىم-پەنگە يۈزلىنىش ۋەزىيىتى بىلەن ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى چىرىكلىك ھادىسىسى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بارماقتا. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي جەمىيىتىنىڭ ئىلىمگە بولغان ئېتىبارى، ئىنتىلىشى ۋە ئىزدىنىشى 80 ‏- يىللارنىڭ ئالدىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بار بولۇپ بۇ ئىجابىي تەرەپ؛ ئەمما ئىلىم ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان چىرىكلىك خىتاي جەمىيىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك قاپلىغان بىر مەسىلە. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى ساختا ئۇنۋان ئېلىش ۋە ئىلىم -پەن نەتىجىلىرىنى ئوغۇرلاش، تەقلىد قىلىش ۋە كۆچۈرۈشتۇر.

خىتاينىڭ فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، بۇ يىل 14 ‏- دېكابىر كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىلمىي ماقالە ئوغۇرلىغان ۋە تەقلىد قىلغان 3 كىشىنى جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ مەكتەپنىڭ پروفېسسورى شېن دىڭلى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرگەندە، " فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ مەسىلىدە جاسارەتلىك بىر قەدەم باستى، پۈتۈن دۇنيا بۇ قەدەمنى ئالقىشلىشى كېرەك" دېيىش ئارقىلىق،خىتايدا ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما مەسىلىگە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ كىملىكى، ئوغۇرلىغان ئىلمىي ماقالىنىڭ تېمىسى ھەققىدە توختالمىغان.

ماۋزېدوڭ: " سۈنئىي ھەمراھ كۆككە چىققان كۈنى قىزىل بايراق يەرگە چۈشىدۇ"

خىتاي ھۆكۈمىتى ھېلىھەم ئىزىدا مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ماۋزېدوڭ، " ئىنسان قانچە بىلىملىك بولغانسېرى شۇنچە ئەكسىيەتچىلىشىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. زىيالىلارنى ئەكسىيەتچى ئىنسانلار قاتارىدا 9 ‏- ئورۇنغا قويۇپ، "سېسىق زىيالىيلار" دەپ ئاتىغان ماۋزېدوڭ: "سۈنئىي ھەمراھ كۆككە چىققان كۈنى قىزىل بايراق يەرگە چۈشۈدۇ" دەپ ئەسكەرتكەن. خۇجىنتاۋ 17 ‏- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئىلمىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سىياسى بىيورودىكى 7 كىشىدىن ئىككىسى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە.

ماۋزېدوڭ دەۋرى بىلەن خۇجىنتاۋ دەۋرى ئارىسىدا زىيالىلارنىڭ ئورنى ھەققىدىكى پەرققە يۇقىرىقىلارنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن بەزى مۇلاھىزىچىلەر، ئوتتۇرىدىكى پەرقنى خىتاي جەمىيىتىنىڭ ئىلىم-پەن قارىشىدا شەكىللەنگەن بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، شۇنداقلا يەنە، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى تىنچ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىن بىشارەت دەپ قاراشماقتا. ئەمما يەنە بىر قىسىم مۇلاھىزىچىلەر، بۇ ئۆزگىرىشنى ماھىيەتلىك ئۆزگۈرۈش ئەمەس، ھادىسىدىكى ئۆزگۈرۈش دەپ قاراشماقتا. بۇلارنىڭ قارىشىچە، مەيلى خۇا گۇافېڭ دەۋرىدىكى ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلىش چاقىرىقى، مەيلى دېڭ شىاۋپىڭنىڭ "4 نى زامانىۋىلاشتۇرۇش" تەشەببۇسى، مەيلى خۇجىنتاۋنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات شۇئارى بولسۇن، بۇ پەقەت ئىلىم ساھەسىنى تونۇشتىكى ئۆزگۈرۈشتۇر.

مەسىلىنى تونۇش مەسىلىنى ھەل قىلغانلىق ئەمەس. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىلىمگە بولغان تونۇشىنى، جۈملىدىن، زىيالىيلارغا قارىتا تونۇشىنى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ ئىلىم -پەن ساھەسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆزگەرتكىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيالىيلارغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان سوتسىيالىستىك ئاڭ تەلىپى، ماھىيەتتە، ئىلىمنىڭ مۇستەقىللىغى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تەرەپسىزلىگىنى ئىنكار قىلىشىدۇر.

سۇن ۋېنگۇاڭ: مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۆزىنى ئۆزى پروفېسسور قىلىپ باھالىۋالىدۇ

شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان، فىزىكا پروفېسسورى سۇنۋېنگۇاڭ، بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: " خىتايدا، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ۋە ئىقتىدارىنى باھالاش ھوقۇقى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قولىدا. مەسىلەن، خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا، ئىلمىي ئۇنۋاننى پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈش، دوكتۇر يېتەكچىسى بولۇش، ياكى بىر ئىلمىي جەمىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇش شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن بولىدۇ. بۇ دېمەك كەسىپ ئەھلىنىڭ شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولمىغان كىشى تەرىپىدىن باھالىنىش دېمەكتۇر."

سۈن ۋېنگۇاڭ يەنە مۇنداق دەيدۇ: " بۈگۈن خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان پارتىيە-ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، كاتىپلىرىدىن دەرس ئاڭلاش، كاتىپلىرىغا ئىلمىي ماقالە يازدۇرۇش، ھەتتا كاتىپلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئورنىغا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇش، ئاخىرىدا ئىلمىي ماقالىلارنى ئۆزلىرى كونترول قىلىۋاتقان باھالاش كومىتېتىدا باھالىتىش ئارقىلىق دوكتورلۇق ۋە دوكتۇر ئاشتىلىق ئۇنۋانى ئېلىۋاتىدۇ. مەكتەپ رەھبەرلىرى ئىچىدە ئۆزىنى ئۆزى پروفېسسور قىلىپ باھالىۋالغانلار ھەر يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ."

ئىلشات: ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئالتە توساق بار

خىتاينىڭ مائارىپ سىياسىتىدىكى " ماركىزىسىم-لېنىنىزم ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا توغرا نىشانغا كاپالەتلىك قىلىش" دېگەن بەلگىلىمىسى ئۈستىدە توختالغان سۈن ۋېنگۇاڭ،" مانا بۇ، ئىلىمنى سىياسىيلاشتۇرغانلىق، ئىلمى تەرەققىياتنىڭ ئالدىنى توسقانلىق، شۇنداقلا يەنە، مەنپەئەتپەرەسلەرگە ۋە پۇرسەتپەرەسلەرگە ئىلىمنى سۈيئىستىمال قىلىش يولىنى ئېچىپ بەرگەنلىك" دەپ تەنقىد قىلغان.

ئىلىمنىڭ سىياسەتكە بېقىندۇرۇلۇش ۋە خىزمەت قىلدۇرۇلۇش مەسىلىسىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ شىكايەتچى. ئىلگىرى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىلشات ئەپەندى بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى 4 ئاساسى پىرىنسىپ، خىتاي زىيالىلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان 4 چوڭ توساق بولسا، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغىنى 6 چوڭ توساقتۇر؛ بۇلاردىن پەرقلىق بولغان ئىككىسى: دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى قوغداش. (شۆھرەت ھوشۇر)