نورۋىگىيىنىڭ بېرگېن شەھىرىدىكى كۇتۇپخانىغا ئۇيغۇرچە كىتابلار قويۇلدى


2005.10.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
bergen-kutupxana-200.jpg
كۇتۇپخانىدىن كۆرۈنۈش. RFA < < Chongaytip Körüng

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرىنى زورايتتى ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە رابىيە قادىر خانىمغا باغلانغان تەكلىپ لايىھىلەر ۋە رىئاللىقلار بارلىققا كەلدى.

رابىيە قادىرنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنىڭ 4 – بېكىتى بولغان نورۋىگىيە زىيارىتىدىن كېيىن، نورۋىگىيىنىنغ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان بېرگېن شەھىرى كۇتۇپخانىسى 18-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشى ۋە ئارىيەت ئېلىشى ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۇتۇپخانىغا قويدى.

بېرگېن شەھىرىدىكى بۇ كۈتۈپخانا 1917-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نورۋىگىيىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە كۈتۈپخانىلارنىڭ بىرى. ئۇلار بۇ قېتىم قويغا كىتابلارنىڭ ئىچىدە "ئۇيغۇرلار قارىخانىلار"، "ئانا يۇرت"، "ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىتابلاردىن باشقا يەنە "گۈلىستان" قاتارلىق ئەدەبىي كىتابلارمۇ قويۇلغان.

بېرگەن شەھىرى نورۋىگىيىنىڭ ئەڭ قەدىمقى شەھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم مۇشۇ شەھەردە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

بۇ كىتابخانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئابدۇكېرىمرىم ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ كۇتۇپخانىدا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.