خىتاي، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلىدى
2007.07.18
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنى مەركەز قىلغان مارمارا رايونىغا تارقىتىش قىلىدىغان يۆن FM رادىئوسى شىنجاڭ خەلق رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىشىنى ئۇلاپ ئاڭلىتىشقا باشلىغان.
ھەر كۈنى بىر سائەت بېرىلىدىغان بۇ ئاڭلىتىشتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن خەۋەرلەر، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تونۇشتۇرۇلغان پروگراممىلار ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن ئارىيەلەر بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنى ھەيران قالدۇردى. ئۇلار بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىپ خىتايلارنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق بىر ئاڭلىتىش بېرىشىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى دىيىشتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ رادىئو خىتاي دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋىتى تولىمۇ ياخشى بولغان تۈركىيە ئىشچى پارتىيىسىنى ياقىلايدىغان بىر رادىئو ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىز بۇ ئاڭلىتىش ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يۆن FM رادىئوسىنىڭ مەسئۇللىرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇلار بۇ ئاڭلىتىش ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى.
بىز ئۇلارغا تۈركىيەدە بۇنداق بىر ئۇيغۇچە ئاڭلىتىش بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمزدا ئۇ بۇنىڭ نورمال بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ئاۋازى، BBC گە ئوخشاش رادىئولارنىڭمۇ تۈركىيەدە ئاڭلىتىش بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپلا سۆزىنى ئاياقلاشتۇردى. ئۇ بىزدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ قايسى تىللاردا، قەيەردىن ئاڭلىتىش بېرىدىغانلىقىنى سورىغاندىن كېيىن مۇنداق جاۋاپ بەردى: " مەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىزنى يەتكۈزەي، ئۇلار جاۋاپ بەرسۇن." بۇ كىشى مۇشۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بىز كېيىن ئىستانبۇلدا بۇ رادىئونى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلىغايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 3 - ماي دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ...
- تۈركىيىنىڭ ئاۋازى رادىئوسىئۇيغۇر دىيارىغا رادىئو ئاڭلىتىشى بېرىشكە تەييارلىق قىلماقتا
- خەلق نامراتلىقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، رادىئو- تېلېۋىزىيىدىن ھوزۇر ئالالامدۇ؟
- شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ياۋرو-ئاسىيا رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىسى قۇرۇلۇپ رەسمى تارقىتىشقا باشلىدى