ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى تەييارلاش قارارى ماقۇللانغان


2007.12.24

abdullah-buksur-150.jpg
تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى. RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىيىدىكى "يېڭى چاغ" گېزىتىنىڭ 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى سانىدا "تۈرك دۇنياسى ئىتتىپاقلىققا چاقىرىلدى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ كىچىك تېمىسىدا ئەنقەرەدە جەم بولغان تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى چاقىرغان خەلقئارالىق يىغىندا مۇھىم قارارلار ماقۇللانغان دېيىلگەن. قاراردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە ئالاھىدە يەر بېرىلدى دېيىلگەن بولۇپ، بۇ يىغىندا ماقۇللانغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى قاراردا مۇنداق دېيىلگەن: "خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن دەرھال ئەتراپلىق دوكلات ھازىرلاپ چىقىش."

بۇ قارار 12- ئاينىڭ 9- 10- كۈنلىرى ئەنقەرەدە چاقىرىلغان "ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دېموكراتىيىگە بولغان تەسىرى" ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق يىغىندا ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بىشكەك ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە جەمئىيىتى مەسئۇلى تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى قاتناشقان ۋە مۇھىم سۆز قىلغان ئىدى.

بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلاردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەشتىكى مەقسەت نېمە؟ "شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى" ماۋزۇلۇق دوكلاتنى ھازىرلاشتىكى مەقسەت نېمە؟ بۇ دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئازايتىشتىكى رولى نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.