خىتاي مۇقىملىق مۇتەخەسسىسى ئۇيغۇر ئېلىدە


2008.01.28

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جۇ يۈڭكاڭ بۇ يىل 24 ‏- يانۋاردىن 27 ‏- يانۋارغا قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. جۇ يۈڭكاڭ، سىياسىي بيۇرونىڭ سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى، ئۇ يەنە، 2002 ‏-يىلىدىن 2007 ‏- يىلىغا قەدەر، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن؛ ئۇ، خىتايدا مۇقىملىق خىزمىتىدە مۇتەخەسسىس دەپ قارىلىۋاتقان بىر شەخس. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

"ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك"

جۇ يۈڭكاڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا ئالاقىدار ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ مەسىلە دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى پىكرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سۆزىنىڭ خۇلاسىسىدا، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 3 خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇشنى تەكىتلىگەن. جۇنىڭ سۆزىدىكى يۇقىرىقى 3 نۇقتىدىن يېڭى بولغىنى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، مۇقىملىققا كېپىللىك قىلىش پىكرى بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇر رايونىدا ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن 11 ‏- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر قۇرۇلتايدا تۇرپان ۋەكىلى باشقا 11 كىشى بىلەن بىرلىكتە تەكلىپ سۇنۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا، يېزا-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئۆستۈرۈشنى رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ۋەتەن ئىچىدە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى، خەلقئارا جامائەت پىكرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىزچىل كۈنتەرتىپ ئىگىلىشى ۋە خىتاينىڭ ئولىمپىك سەۋەبىدىن، دۇنيا جامائەت پىكرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىشى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە قايتا ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلغان. ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 11 ‏- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى يىللاردىكىگە نىسبەتەن ئالاھىدە كۆپەيتىشى، مانا بۇ ئىزدىنىشنىڭ بىر بىشارىتى. ئەمما يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش پىكرى يېڭى پىكىر ئەمەس، بۇ پەقەت، خۇ جىنتاۋ 17 ‏- قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ھەم تېز ھەم ياخشى راۋاجلاندۇرۇش دېگەن چاقىرىقنىڭ تەكرارلىنىشى.

" يېڭى چاقىرىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي سىياسەت ئەنئەنىسىدۇر "

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر بىر دەۋر ئالماشقاندا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسىي گۇرۇھلار ئالماشقاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى چاقىرىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي سىياسەت ئەنئەنىسىدۇر؛ بۇ چاقىرىقلار، پەقەت مەسىلىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ھەل قىلىشقا يۈزلەنگەن ئەمەس. مەسىلەن، ئۇيغۇر ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى مىللەتنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا، سودا-سانائەت ساھەسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىدىكى تەڭسىزلىك ھېچقاچان ھەل قىلىنىدىغان مەسىلىلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنىپ باققان ئەمەس.

جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ مۇقىملىقنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشقانلىق ئەمەس، مەسىلىنى يېپىش ۋە يوشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىق دەپ قاراشماقتا.

شىۋىتسارىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى جالالىدىن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر تورى جۇ يۈڭكاڭنىڭ سۆزىنى خىتايچە ۋە ئېنگىلىزچە سانلىرىدا ئىككى خىل خەۋەر قىلغان. خىتايچە سانىدا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش دېگەن سۆز، ئېنگىلىزچە سانىدا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مىللەت ئايرىمچىلىقى قىلماسلىق دەپ بېرىلگەن. خىتايچە سانىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان 3 خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش تەشەببۇسى، ئېنگىلىزچە سانىدا چىقىرىۋېتىلگەن. مانا بۇ ئەھۋال جالالىدىن ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.