ۋاڭ لېچۈئەن ۋە نۇر بەكرى سىياسىي مۇقىملىقنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى


2008.01.09

NurBekri-200.jpg
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەپپەق رەئىسى نۇر بەكرى. Photo Source:http://www.xinjiang.gov.cn

8- يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرو ئەزاسى، ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن مەزكۇر يىغىنىدا سۆز قىلىپ، سىياسىي قانۇن ساھەسىنىڭ 2008- يىلى قىلىدىغان خىزمەتلىرى ۋە مۇھىم ۋەزىپىلىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، مەزكۇر بۇ يىلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئۇچۇر ئاگېنتلىقى ھېسابلىنىدىغان شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ۋاڭ لېچۈئەن سىياسىي قانۇن ساھەسىنىڭ خىزمەتلىرىگە باھا بېرىپ، " ئۆتكۈر ۋە مۇرەككەپ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىدە، رايونىمىزدىكى ھەر قايسى سىياسىي قانۇن تارماقلىرى" مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ" دېگەن باشلامچى ئىدىيىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى قەتئىي ھالدا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتىنى تەمىن ئېتىش، ئىجتىمائىي -ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى قوغداشتىكى چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، "تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، باش كۆتەرگەن ھامان زەربە بېرىش، ئاۋال قول سېلىش" ئىستراتېگىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى چىڭىتىپ، چېگرا ئىچى -سىرتىدىكى "ئۇچ خىل كۈچ" لەر ھەم ھەر خىل دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەشتىكى تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي -سىياسىي ئومۇمىيلىقىنىڭ مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىشى كېرەك " دېگەن.

ۋاڭ لېچۈئەننىڭ بۇ سۆزىنى تەھلىل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىت ئەپەندى " ھەقىقەتەن 2007- يىلىنىڭ ۋاڭ لېچۈئەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ دەپسەندە قىلغان بىر يىل بولدى " دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە 2007- يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەزكۇر مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن بىر يىل بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تېخى يېقىندىلا سابىق ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئورنىغا مۇۋەپپەق رەئىس بولغان نۇر بەكرىمۇ بۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، " سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى ھەر خىل دۇشمەن كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈشى ۋە قاتتىق زەربە بېرىشى لازىم، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نورمال دىنىي پائالىيەت تەرتىپىنى قوغداپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل سىڭىپ كىرىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن قەتئىي مۇداپىئە كۆرۈشىمىز لازىم" دەپ تەكىتلىگەن.

نۇر بەكرىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش ئىدىيىسىنى يېڭىدىن رەئىس بولۇپلا قايتىدىن تەكىتلىگەنلىكىگە نىسبەتەن تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن گوللاندىيىگە كېلىپ ماكانلاشقان سابىت ئەپەندى ئۆز باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇر بەكرىنىڭ بۇ سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرۈزگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ لېچۈئەن سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنىدا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئېغىرلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ يەنىلا ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇنداق ئېغىر ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ھەر قايسى پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ چوقۇم سىياسەتنى، ۋەزىيەتنىڭ چوڭ ياخشىلىقىنى تەكىتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.