"جوڭخۇا مىللىتى" تەربىيەچىلىرى قەشقەرگە يولغا چىقتى

0:00 / 0:00

خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، قوش تىللىق ماارىپ بويىچە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرىۋاتقان ئىدى. بۇلاردىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان 105 نەپەر تۇنجى قارار ئوقۇغۇچى، 27 ‏-فىۋرال كۈنى پىراكتىكا ئۈچۈن قەشقەرگە يولغا چىقتى. سەپەر ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ قاتناشقان داغدۇغىلىق ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

قوش تىل ماارىپچىلىرىنىڭ توققۇزى تەل

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشتا خىتاي ئەڭ دەسلەپ دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر، يەسلى مائارىپىنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش ۋە لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئېغىر دەرىجىدە كەم بولۇش قاتارلىقلار بولۇپ؛ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ بالىلار پىداگوگىكا مەكتىپى قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنى تەربىيىلەش سىنىپلىرىنى ئاچقان ئىدى. 27 ‏-فىۋرال كۈنى قەشقەرگە يولغا چىققانلار مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ پراكتىكانتلارغا ئاپتونوم رايون ئالاھىدە تەمىنات ئىمكانى ھازىرلىغان.

بۇ بۇيىچە، ئاپتونوم رايون ئۇلارغا ئايدا 400 يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ، باردى-كەلدى يول خىراجىتى ۋە سۇغۇرتا پۇلىنى كۆتۈرىدۇ. پراكىتىكا قىلىدىغان مەكتەپلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ياتاق مەسىلىسىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا،بەلگىلىك ئۆلچەمدە مائاش بېرىدۇ. ئۇلار پراكتىكىنى تاماملاملىغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش نۆۋىتى جەھەتتە ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلىدۇ. قوش تىللىق مائارىپ پراكتىكانلىرىغا بېرىلگەن بۇ ئىمكانلار ھەققىدە، ئالىي مەكتەپنى شاڭخەيدە پۇتتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدا 5 يىل ئىشسىز قالغان، ئاخىرى مۇھاجىرەت يولىنى تاللىغان بىر ئۇيغۇر مۇنداق دەيدۇ:" ئۇيغۇرلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتەرسە ئىش تاپالاميدۇ، تەلەيلىكلىرى ئىش تېپىپ ئىشقا چۈشسىمۇ، رەسمىيلەشكىچە 200-300 يۈەندىن مۇاش ئالىدۇ."

ۋاڭلېچۈەن: "قوش تىللىق ماارىپ جوڭخۇا مىللىتى يېتىشتۇرۈش ئۈچۈن"

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: قوش تىللىق مائارىپ پراكتىكانتلىرىغا بېرىلگەن بۇ ئىمتىيازلارنىڭ ئۆزىلا، قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنىڭ خىتاينىڭ مائارىپ سىياسىتىدىكى مۇھىملىق دەرىجىسىنى كۆرستىپ بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى ئۇيغۇرلارنى دىنىدىن، تارىخىدىن، ئۆرپ-ئادىتىدىن، ئەدەبىياتىدىن، مىللىي خاراكتېرىدىن، قىسقىسى ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىپ تاشلاش پىلانىدۇر. ئۇچقۇنجان ئەپەندىنىڭ بۇ دېگەنلىرىنى ۋاڭ لېچۈەن ئالدىنقى ھەپتە خوڭكوڭدىكى سۇمرۇغ تېلىۋىزىسىدە قىلغان سۆزىدىمۇ ئاشكارىلىغان ئىدى، ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە قوش تىللىق مائارىپىنىڭ غايىسىنىڭ، ئۇيغۇرلاردا جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى ۋە ھىسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ب ب س خەۋەر تورى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ سۆزلىرىنى، ئۇيغۇرلارنى كىچىكىدىن باشلاپ خىتايلاشتۇرۇش دەپ يازغان ئىدى. ۋاڭ لېچۈەننىڭ يەنە شۇ قېتىم ئېتىراپ قىلىشىچە، قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەن‏-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكىم، " شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىقى" نىڭ ئېھتىياجى ئىدى.

ئۇچقۇنجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش پىلانى يېقىندىلا ئوتتۇرىغا چىققان پىلان ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە قەدەم بېسىش بىلەن، ھەتتا بۇرۇن پەيدا بولغان، يېقىنقى 50 يىل ئىچىدە يۈرگۈزۈلگەن سىياسەت مەزكۇر پىلاننىڭ تەييارلىق باسقۇچى بولغان. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ئەنە ئەشۇ تەييارلىق باسقۇچى شەكىللەندۈرگەن بىر ئاساس.

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ يەسلى سىنىپىنىڭ ئومۇمى سانى 2892، ئوقۇغۇچى سانى 93 مىڭ بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچى سانى 1835 گە يەتكەن، بۇ قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش غايىسىدىن كۆپ ئۇزاقتا.

ئۇچقۇنجان، خەتەرنى تونۇش، خەتەردىن ساقلىنىشنىڭ تۇنجى قەدىمى

يۇقۇرىقى سانلىق مەلۇماتلار ھەققىدە توختالغان ئۇچقۇنجان ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:"قوش تىللىق مائارىپ، ئۇيغۇر كىملىكىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم ئەمما، خىتاينىڭ بۇ ھۇجۇمدا نەتىجە قازىنىشى ئۇنداق ئاسان ۋە قىسقا بىر جەريان ئەمەس. چۇنكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇس قۇرۇلمىسى، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تىركىشىش كۈچى، تىلنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش فونكىسىيىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ ئاساسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىق ئامىللار خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مىۋە بېرىشىگە توسالغۇ. ئۇچقۇنجاننىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى ئامىللار يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ قوش تىللىق مائارىپ زىيانكەشكىدىن قوغدىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بىر ئىمكان ھەم پۇرسەت بېرىدۇ."

ئۇچقۇنجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ قوش تىللىق مائارىپ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى. (شۆھرەت ھوشۇر)