80 ياشلىق بىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدارلار ئۈستىدىن شىكايىتى


2008.02.13

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ليۇ شىڭيۇەن ئىسىملىك بىر خىتاي پۇقراسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئىگىلىك 6 ‏-دىۋىزىيە 106 ‏-پولكىنىڭ ئەمەلدارى جاڭ لويۇ ئۈستىدىن ئىنتېرنېتتە شىكايەتنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت كابىنىتى مەزكۇر مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە تۆۋەنگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەزكۇر دىۋىزىيىدىكى 2 نەپەر دۆلەت كادىرى، ليۇ شىڭيۈەن قاتارلىق ئەرزدارلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ تەھدىت سالغان.

پارتىكوم سېكرىتارى خەلقنىڭ 350 مىڭ يۈەن پۇلىنى يەۋالغان

ليۇ شىڭيۈەن ئەسلىدە، قۇتۇبىيغا ماكانلاشقان 106 ‏- پولك ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىغى بولۇپ، ھازىر ئۈرۈمچىدە ياشايدۇ. بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن ئەرزدار ليۇ شىڭيۈەن ئەرزىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "بۇ 1993 ‏-يىلى يۈز بەرگەن ئەھۋال. 106 ‏- پولك يول قۇرۇلۇشى ۋە كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل توپلىغان، پۇلنى 106 ‏-پولكىمىزدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىن تۇتقان، باشلىقلاردىن تۇتۇلمىغان. ئەمما كېيىن مالىيە بۆلۈمىدىن ئېنىقلاپ كۆرگىنىمىزدە، بىزدىن يىغىلغان پۇل ھەققىدە ھېچقانداق ھېساۋات كۆرمىدۇق. جەمئىي يىغىلغان پۇل 350 مىڭ يۈەن بولسىمۇ، بۇ پۇلنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق. ئەسلىدە كۆمۈر كانغا پۇل بەرگەن چېغىمىزدا پاي قوشقۇچى بولۇپ بەرگەن، ئەمما پاي قوشقانلار بۇ كۆمۈر كانىنىڭ كىرىمىدىن ھېچقانداق بەھرىمان بولالمىدۇق."

" 80 ياشلىق بوۋاي بولمىغان بولسا، بۇ چاغقا قولغا ئېلىناتتى"

ليۇ شىڭيۈەننىڭ ئاساسلىق شىكايىتى 106 ‏- پولكىنىڭ سابىق باشلىقى ۋە پارتكوم سېكرىتارى، ھازىر 6 ‏-دېۋىزىيىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان لو يۈچېڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇ ئەرز قىلىشنى 1996 ‏-يىلى باشلىغان، ئەمما ھازىرغا قەدەر نەتىجىسى چىقمىغان.

ليۇ شىڭيۈەن بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: " بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار 130 كىشى، ئەرزىمىزنى ئېيتىپ بارمىغان يەر قالمىدى، پولكتىن مەركەزگىچە 10 نەچچە يىلدىن بېرى ئەرز قىلىپ كېلىۋاتىمىز، ئەرزىمىزگە قۇلاق سالىدىغان كىشى يوق."

ليۇ شىڭيۈەن ئەرزنى ئىنتېرنېتكە سالغاندىن كېيىن، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان، مەركەز تۆۋەنگە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنى بۇيرىغان. بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، چاغان ھارپىسىدا ئەرزدارلارنىڭ ئائىلىسىگە بارغان ئىككى نەپەر پولك كادىرى ئەرزدارلارغا تەھدىت سالغان؛ ئۇلار تەھدىتىدە، ئەگەر ليۇ شىڭيۈەن 80 ياشلىق بوۋاي بولمىغان بولسا، ئاللىقاچان قولغا ئېلىنىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەرزدار ليۇ شىڭيۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھازىر ئايدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىمۇ بار، 4 بالىسىدىن بىرسى تىجارەتچى، يەنە بىرسى كىچىك بىر ئەمەلدار. مۇنداق بىر تۇرمۇش شارائىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارزۇ قىلىدىغان خاتىرجەم بىر تۇرمۇش سەۋىيىسى، ئەمما، ليۇ شىڭيۈەن بۇ ھالىدىن شىكايەتچى، بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەرت ‏-ئەھۋالى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى:" مەنمۇ بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، بۇ ھەقتە كۆپ بىر نەرسە بىلمەيمەن، ئەمما 2004 ‏-يىلىدىن بېرى ھۆكۈمەتنىڭ 3 خىل كۈچلەرگە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى راست."

ليۇ شىڭيۇۈەن: "ۋاڭ لېچۈەن 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، مەركەزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى"

ليۇ شىڭيۈەننىڭ قارىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن 3 خىل كۈچلەرگە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق مەركەزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. شۇڭا بۇ يىل خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئالماشقان بولسىمۇ، ۋاڭ لېچۈەن ئورنىنى ساقلاپ قالغان. بولمىسا، ۋاڭ لېچۈەن چوڭ بىر خىيانەتچى.

ئىلگىرى ئىگىلىگەن بىر خەۋىرىمىزدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان بىر خىتاي كادىر ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان دېخۇي شىركىتىنىڭ ساھىبىنى ۋاڭ لېچۈەننىڭ قۇدىسى دەپ پاش قىلغان ئىدى، ليۇ شىڭچۈەن بولسا ئوغلى دەپ پاش قىلدى؛ ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ ئىئانە نامى بىلەن دېخۇي شىركىتىگە بەرگەن ياردىمى ئەمەلىيەتتە، ۋاڭ لېچۇەنگە قىلىنىۋاتقان سوۋغا، بۇ سوۋغىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى پارىخورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.