بىڭتۈەن - ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى مۇستەقىل ئىمپېرىيە (1)


2007.11.29

خىتاي 1949 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەندىن كىيىن، 1954 - يىلى 10 - ئايدا سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر ۋە گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەسلىم بولغان قىسىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر بۆلەك قوشۇننى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئاتالمىش بىڭتۈەننى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى "ئەمگەك بىلەن ئەسكىرىي ئىشلارنى بىرلەشتۈرۈش، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرىنى مۇھاپىزەت قىلىش" دەپ بەلگىلەنگەن.

بىڭتۈەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا 14 دىۋىزىيە 244 پولك قۇرغان

بىڭتۈەن ھازىرغا كەلگۈچى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 14 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنى قورشاۋغا ئالغان ئاساستا جەمئىي 14 دىۋىزىيە 244 پولك قۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 175 پولك ئۇيغۇر ئىلكىدىكى 63 شەھەر ‏- ناھىيىگە جايلاشتۇرۇلغان.

"جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىكى" ژۇرنىلىدا بېرىلگەن " شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 53 يىلى: نامرات ھەم قالاقلىقتىن، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە غەربى رايوندىكى 6- ئورۇنغا ئۆتكىچە " تېمىلىق ماقالىدە خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنتى ( گوۋۇيۈەن) ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان " شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتىن نەقىل ئېلىپ، " 'ئاق تاشلىق كىتابتا' بىڭتۈەن دۆلەت پىلانىدىكى يەككە قاتارغا تىزىلغان ئالاھىدە ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇپ، ئۇ مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوش باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بىڭتۈەنىنىڭ غەيرىي شەكىلدىكى بىر ھۆكۈمەت ئاپپاراتىدىن ئىبارەت ئالاھىدە ئورنىغا ئېنىقلىما بېرىلىپ، بىڭتۈەنىنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۆھپە قوشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تيەن چىلياۋ خانىم: "بىڭتۈەن ئۇيغۇر ئىلى ئىچىدىكى كىچىك ئىمپېرىيە"

بۇ قۇرلارنى ئوقۇغان كىشى ئىختىيارسىز ھالدا، بىڭتۈەن راستتىنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلامدۇ ياكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىرلىكمۇ؟ بىڭتۈەنىنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۆھپە قوشۇش دېگەنلىرى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش شۈبھىلىك ئويلارغا پاتىدۇ.

بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە سىياسىتىنى تەتقىق قىلىدىغان تەشكىلات جۇڭگو ئىنفورماتسىيە تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى تەتقىقاتچى تىيەن چىلياۋ خانىمغا مۇراجىئەت قىلدۇق.

ئۇ بىڭتۈەنىنىڭ ئۆز ئالدىغا سودا ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قارايدىغان بىر مۇستەقىل ھۆكۈمەت ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادى كۈچنى كونترول قىلىدىغان بىر ئورگان ئىكەنلىكى تەكىتلەپ: " بىڭتۈەن خۇددى ئاشۇ رايوندىكى بىر كىچىك ئىمپېرىيىگە ئوخشايدۇ. ئەمما بۇ ئىمپېرىيە مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ " دېدى.

بىڭتۈەننى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئاپتونوم رايون ئارىلىشالمايدۇ

شۇنىڭغا يانداشقان ھالدا، بىڭتۈەن قارمىقىدىكى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " بىڭتۈەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك باشقۇرۇشىدا بولىدۇ" دېگەن بەلگىلىمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە قۇرۇق ھۆججەتتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بىڭتۈەننى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئاپتونوم رايوننىڭ ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە بىڭتۈەننىڭ سوت، ساقچى، قوراللىق ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭمۇ ئايرىم ئىكەنلىكىنى، بىڭتۈەننىڭ ئېنىقكى، ئۇيغۇر ئىلى ئىچىدىكى ئايرىم مۇستەقىل ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

بىڭتۈەنىنىڭ "يەرلىك خەلق بىلەن مەنپەئەت تالاشماسلىق" مەسلىكى

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرگەن بىڭتۈەندىن ئىبارەت بۇ غەيرىي شەكىلدىكى قوراللىق تېرىقچىلار، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ۋە بۇ زېمىننى خالىيلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تېرىقچىلىق بىلەن ئۆزىنى نىقابلانغان ھەربىي ئورۇن ئىكەنلىكى ھەممە ئادەمگە ئايدىڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۈەننى، خۇددى "جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىكى" ژۇرنىلىدا بېرىلگەن بىڭتۈەن ھەققىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك "چېگرىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يېنىكلىتىش" دەپ سۈرەتلەپ كەلمەكتە ۋە بىڭتۈەن " يەرلىكتىن مەنپەئەت تالاشماسلىق" مەسلىكىنىڭ روھى بويىچە يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ھالبۇكى، ئۆتكەن 50 نەچچە يىل جەريانىدا بىڭتۈەن ئۆزى ئىگىلىگەن زېمىننى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب‏ - شىمالىدىكى بىپايان مۇنبەت تۇپراقنى، مول سۇ مەنبىيىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈپ، يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتى، ھاياتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك مۇھىتىغا ئەجەللىك تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە.

بىڭتۈەن قارمىقىدىكى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلشات ئەپەندى، بىڭتۈەنىنىڭ " يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يېنىكلىتىش" شوئارىنى ئىنكار قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ مۇنبەت يەرلەرنى ئەڭ گۈزەل يايلاقلارنى ئىگىلىگەنلىكىنى مىسال بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىر يەرلىك چارۋىچىلارنىڭ يايلاققا مال چىقىرىشقا توغرا كەلسە بىڭتۈەن دائىرىلىرىگە ھەق تۆلەشكە مەجبۇر ئىكەنلىكنى قوشۇمچە قىلدى.

خوتەنگە جايلاشقان 244 - مەيدان 3 يىلدا 217 مىڭ 300 مو يەر ئېگىلىگەن

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە بىڭتۈەن قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، پەقەت 2004 - يىلى 3 - ئايدا يېڭىدىن قۇرۇش باشلانغان 244 - تۈەن، 3 يىلغا يەتمىگەن ۋاقتى ئىچىدە 217 مىڭ 300 مو يەر ئىگىلەپ ئادەم كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈشكە باشلىغان.

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى 1 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولسىمۇ، ئەمما ئادەم ياشاشقا باب كېلىدىغان بوستانلىقنىڭ ئانچە كوپ ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلىدە تېرىلغۇ يەر زادى قانچىلىك؟ بىڭتۈەن ئۇيغۇر ئىلى بوستانلىقنىڭ قانچىلىك قىسمىنى ئىگىلىۋالغان؟ ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كېلەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز. (جۈمە‏)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.