بىڭتۈەن - ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى مۇستەقىل ئىمپېرىيە (2)


2007.11.30

"جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىكى " ژۇرنىلىدا بېرىلگەن ماقالىدە ئاشكارىلىنىشىچە ، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە بىڭتۈەن پولكلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، تېخى 2004 - يىلىلا خوتەن دىيارىغا 244 پولكىنى قۇرغان بولۇپ، مەزكۇر پولك 3 يىل ئىچىدە 217 مىڭ 300 مو تېرىلغۇ يەر ئىگىلىگەن. ماقالىدە يەنە، 2006- يىلىغا كەلگەندە مەزكۇر مەيداندىكى ئىشچى ‏- خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 8861 يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇ يىل يەنە كىرىم نىسبىتى 35 پىرسەنت ئاشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي دېھقان :" يۇرتىمىزدا تېرىلغۇ يەر كەمچىل بولغانلىقتىن ئۇيغۇر ئېلىگە يەر ئىزدەپ كەلگەن"

ھالبۇكى، ماقالىنىڭ بۇ قىسمىدا بېرىلگەن، "جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىكى" ژۇرنىلى مۇخبىرىنىڭ 244 - مەيدانغا يېقىندا خېنەندىن كېلىپ يەرلەشكەن ليۇ فۇچۈن ئىسىملىك بىر خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

ليۇ فامىلىلىك بۇ يىل 31 ياشلىق خىتاي بولۇپ، ئوز يۇرتىدا تېرىلغۇ يەر كەمچىل بولغانلىقتىن ئۇيغۇر ئېلىگە يەر ئىزدەپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: " شىنجاڭغا كېلىشىمدىكى ئاساسىي مەقسىتىم بولسا يۇرتىمىزدا تېرىلغۇ يەر ئاز بولۇپ، ئادەم بېشىغا ئاران 3 مودىن توغرا كېلىدۇ، ئەمما بۇ يەردە 65 مو توغرا كېلىدۇ."

ليۇ فامىلىلىك يەنە، مەيداندىكى مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئالدىن تىكىپ قويۇلغانلىقىنى، سۇغۇرۇش ئەسلىھەلىرى ئالدىن ئورنىتىلغانلىقىنى ئىنتايىن مەمنۇنلۇق بىلەن تىلغا ئېلىپ: " مېنىڭ قىلىدىغىنىم ، پەقەت شۇ نەرسىلەرگە كۆز- قۇلاق بولۇپ قويۇشتىنلا ئىبارەت بولۇپ، مېۋە پىشقاندا مەيدان سىزگە سېتىشىپ بېرىدۇ تېخى" دېگەن ۋە بۇ يەرگە كېلىپ ئىككىنچى يىلىلا 58 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغانلىقىنى قوشۇمچە قىلىشنى ئېسىدىن چىقارمىغان.

بىڭتۈەن ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 11 مىڭ 835 يۈەن

"جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىكى" ژۇرنىلىدا بىڭتۈەن ھەققىدە بېرىلگەن ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر بىڭتۈەن ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئومۇمىي كىرىمى 11 مىڭ 835 يۈەن خىتاي پۇلى بولۇپ، بىڭتۈەندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردا، تارىم دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان بىر پولكىنىڭ سۇ ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۆزلىرىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، يەرلىكنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنداقتا يەرلىك دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى بىڭتۇەننىڭكىدىن قانچىلىك پەرقلىنىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا ئاقسۇ دىيارىدىكى بىر دېھقاننىڭ رادىئومىزغا ئېيتقانلىرى دەلىل بولالىسا كېرەك.

يەرلىك دېھقانلارنىڭ يىللىق ئىقتىسادى كىرىمى بىڭتۇەننىڭكىدىن جىق تۆۋەن

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان قېرىندىشىمىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇدىكى بىر پولك ئاقسۇ دەريا دېلتىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، دەريا سۈيىنى ئاساسەن كونترول قىلىدىكەن.

بۇ دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، يەرلىك دېھقانلارنىڭ يىللىق ئىقتىسادى كىرىمى بىڭتۇەننىڭكىدىن جىق تۆۋەن بولۇپ، يىلىغا 2000 يۈەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا ، بىڭتۈەننىڭ يەرلىرى ئاساسەن سالالاشتۇرۇلغان ئېتىزلار بولۇپ ، دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئاساسەن ماشىنىلاشقاندىن باشقا ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىغا ئېرىشىدىغان بولغاچقا بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادى كىرىمى ياخشى ئىكەن.

خىتاينىڭ بىڭتۈەنگە بۇنچە كۆپ غەمخورلۇق قىلىشتىكى سەۋەبنى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلشات ئەپەندى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ بىڭتۈەننىڭ ئورنىنى ۋە بىڭتۈەن خىتايلارنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدە دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت بوستانلىقنىڭ 50 پىرسەنت قىسمى بىڭتۈەن ئىلكىدە

بىڭتۈەن ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن 50 نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئىلى بوستانلىقىدىن 74 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر زېمىن ئىگىلىگەن.

ماقالىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بىڭتۈەن ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت بوستانلىقنىڭ 50 پىرسەنتىدىن ئارتۇق قىسمىنى دائىرىسىگە ئالغان بولۇپ، ھازىر بىڭتۈەن دائىرىسىدە 15مىليون 550 مىڭ مۇ تېرىلغۇ يەر ۋە كەلگۈسىدە ئىچىش پىلان قىلغان 9 مىليون 620 مىڭ مودىن ئارتۇق يەر بار ئىكەن. ئەمما مەزكۇر ماقالىدە بۇ بىڭتۈەن مۇشۇ ئۆتكەن 53 يىل جەريانىدا ئۆزلەشتۈرگەن بوستانلىق دەپ سۈرەتلىنىپ بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قوشقان تۆھپىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.

تيەن چىلياۋ خانىم:" ئۇلارنىڭ شۇ بوستانلىقنى ۋە بايلىقنى ئېگىلىۋالغانلىقىدا شەك يوق"

خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە سىياسىتىنى تەتقىق قىلىدىغان تەشكىلات جۇڭگو ئىنفورماتسىيە تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى تەتقىقاتچى تيەن چىلياۋ خانىم ، گەرچە ھازىرچە بۇ ھەقتە ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلار تولۇق بولمىسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىڭتۈەن باشقۇرۇشىدىكى 50 پىرسەنت بوستانلىقنى بىڭتۈەن ئۆزلەشتۈرگەن بولماستىن بەلكى ئىگىلىۋالغان دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: " شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، ئۇلار شۇ زېمىننى ئۆز كونتروللۇقىغا ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ بوستانلىقنى ۋە بايلىقنى ئېگىلىۋالغانلىقىدا شەك يوق."

ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلو مېتىر بولۇپ، بۇنىڭدا ئادەم ياشاشقا باب كېلىدىغان بوستانلىق كۆلىمى 136 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بەرگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئىلى ئومۇمىي نوپۇسى20 مىليون 815 مىڭ بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى 7 مىليون 980 مىڭ دىن ئارتۇق ( بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

مانا شۇ 20 مىليوندىن ئارتۇق خەلق 136 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بوستانلىقنىڭ يېرىمىدا تىرىكچىلىك قىلسا، قالغان يېرىمىدا 3 مىليونغا يېقىن بىڭتۈەنلىك ئازادە ياشايدىغانلىقىغا ئائىت پاكىتلار، ۋە بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۇيغۇر خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەسىلىگە قارا كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرۇۋاتقانلىقى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا نامەلۇم بىر رىئاللىقتۇر. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.