" ئۇيغۇرلار خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ تەسىرىدە شەكلى ئۆزگەرگەن مۇھىتتا كۈرەش قىلماقتا"

28- ئاپرېل خرىستىئان ئىلمىي كۆزەتچىلىك گېزىتىدە " ئۇيغۇرلار خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ تەسىرىدە شەكلى ئۆزگەرگەن مۇھىتتا كۈرەش قىلماقتا "ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر ماقالە ئاپتورى پېتىر فوردنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە قىلغان زىيارىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

0:00 / 0:00

ئاپتور :" بۇ ياشانغان كىشىنىڭ تەقدىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلاتتى"

ئاپتور ماقالىسىنى كۇچاردىكى خانلارنىڭ 14- ئەۋلادى، ئاق سۆڭەك ھەمدە پەخىرلىك بىر زات داۋۇت مەخسۇت خاننىڭ ھاياتىدىكى كىچىككىنە بىر كارتىنىنى سۈرەتلەش بىلەن باشلاپ مۇنداق يازىدۇ: " ئەمما بۇ ياشانغان كىشىنىڭ تەقدىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلاتتى. بىر زامانلاردا ئۇيغۇرلارغا باش بولغان داۋۇتخان، مانا ئەمدى ئىككى خىتاي قىزى چاقلىق ئورۇندۇققا سېلىپ، ساياھەتچىلەرگە 200 يۈەندىن بېلەت ئېلىپ كۆرسىتىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى" .

داۋۇتخان تارتىۋاتقان خورلۇق ھەققىدە، باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ پىكىر بايان قىلغان ئاپتور، بۇنىڭ نېفىت ۋە باشقا مىنېرال ماددىلارغا باي مەزكۇر رايونغا خىتاي ھۆكۈمىتى تىنىمسىز يۆتكەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يولۇقىدىغان تەقدىرىنىڭ شەپىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە نەقىل قىلىنىشىچە، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزىگە باتۇر دەپ لەقەم قويۇۋالغان بىر ئۇيغۇر: " بىز ھازىر ئوز ۋەتىنىمىزدە ئۆزىمىزنى چەتئەللىكتەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق"دېگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلەرگە ئوخشايدىغانلىقىنى ۋە تىبەتلەرگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور :" بۇ خەۋەرلەردە ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات يوق"

"ئەمما" دەيدۇ ئاپتور ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ:" 8 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرلار يېقىندا تىبەتنى تىترەتكەن ۋەقەلەرگە ئوخشاش بەزى شەپىلەرنى كۆرسەتكەندەك بولدى، لېكىن ھۆكۈمەت خىتايدىكى بەشىنچى چوڭ ئاز سانلىق مىللەت ياشايدىغان بۇ رايوندا 'بۆلگۈنچىلىك' كېلىپ چىقىشىدىن خاتىرجەمسىزلىنىدۇ ھەمدە تىنچ مۇھىتنىڭ ئاستىدا قارشىلىق تۇيغۇلىرىنىڭ بىخ سۈرۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ " دەپ يازغان.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئاتالمىش ئۇيغۇر تېررورچىلار پىلانلىغان 3 خىل تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ بىرسىنىڭ ئايروپىلان پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش ، قالغان ئىككىسىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ خەۋەرلەردە ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات ۋە ياكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنىڭ بېرىلمىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئاپتور خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 1949- يىلى گومىنداڭچىلار بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر ئىلىنى ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 1949 ‏- يىللاردىكى 6.7 پىرسەنتتىن ھازىرقى 40.6 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئېلىپ بارغان نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى ئارقىسىدا ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتايلار نوپۇسىنىڭ بۇ يەردىكى كۆپ سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلار نوپۇسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

بىر ئۇيغۇر: " ھۆكۈمەت بىز ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلماقچى"

ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي تۈزۈمگە قارىتا پوزىتسىيىسى ھەمدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەش ئۇچۇن ، يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇر ۋە بىر نەچچە خىتايلارنى زىيارەت قىلغان.

زىيارەت قوبۇل قىلغان قۇتۇپ ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر: " ھۆكۈمەت بىز ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلماقچى. ئۇلار خىتايلارنى كۆپلەپ توشۇپ كېلىپ بۇ رايوندىكى نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىۋاتىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ يىلتىزىمىزنى قۇرۇتماقتا" دەپ جاۋاب بەرگەن.

مى فامىلىلىك بىر خىتاي : "ئۇلار قوپال ھەم ۋەھشىي"

زىيارەت قوبۇل قىلغان مى فامىلىلىك بىر خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە 50 يىل ياشىغانلىقىنى ئامما ئۇيغۇرلاردىن بىرمۇ دوستى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ۋە: "ئۇلار بىلەن باردى- كەلدى قىلمايمەن. ئۇلار قوپال ھەم ۋەھشىي" دېگەن.

مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈستىدە توختالغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان بىر خىتاي ئوقۇغۇچى: " بىز ھەممىمىز بىر دۆلەتلىك. شۇڭا ئىككى مەدەنىيەت چوقۇم ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشى كېرەك" دېگەن ھەمدە ئاجىزلارنىڭ كۈچلۈكلەرگە يەم بولۇشىنىڭ بىر تەبىئىي قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامما ، يەنە بىر خىتاي ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىزلىشىپ بېرىشىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىنىشىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ: "ئامما خىتايلارسىز بۇلار كومپيۇتېر ۋە يانفونغا ئېرىشەلىگەن بولارمىدى؟"دەپ سوئال قويغان.

بىر ئۇيغۇر: "ئۇلار بىزگە نان بېرىپ، يۈرىكىمىزنى سۇغۇرۇۋالدى"

ماقالىدە نەقىل ئېلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى تەتقىقاتچى نىكولاس بېكۇلىن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن قېيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان تەرەققىياتتىن پەقەت ئۆز مەدەنىيىتى بەدىلىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى ئۈرۈمچىدە سودا قىلىپ بېيىغان قۇتۇپ، خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ "ئۇلار بىزگە نان بېرىپ، يۈرىكىمىزنى سۇغۇرۇۋالدى" دەيدۇ.

ئەگەر خىتايلارنىڭ سىياسىتى مۇشۇ پېتى داۋاملاشسا ئۇيغۇرلارمۇ داۋۇتخان يولۇققان تەقدىرگە يولۇقىدۇ

ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، 18 ياشتىن تۆۋەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردە ئەمەلدىن قېلىۋاتقانلىقىنى ، بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر تۈرلۈك نارازىلىقلار، قارشىلىقلار ھەمدە ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپ ھەققىدە ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن كورلىدىكى بىر ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خادىمى: " مائارىپ ھەممىنىڭ مەركىزى ئىدى. ئەگەر مائارىپ خىتايچە يۈرگۈزۈلسە، سىزنىڭچە كەلگۈسىدە نېمە يۈز بېرەر؟" دەپ ئاپتورغا سوئال قويغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئەندىشىلىرى ۋە داۋۇتخان ھەققىدە توختالغان باتۇر، 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، داۋۇتخاننىڭ تەختى غايىپ بولغانلىقىنى، ئەگەر خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى مۇشۇ پېتى داۋاملاشسا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ داۋۇتخان يولۇققان تەقدىرگە يولۇقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باتۇر يەنە ، خىتايلار ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭنىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقى، شۇڭا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنى خىتاي زېمىنىغا ئايلاندۇرۇش ئۇچۇن ئۇيغۇرلارنى بۇ جايدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.