بېيجىڭدىكى ئولىمپىك ئۇيغۇرلارغا ھەسسىلەپ قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى
2008.03.27
خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق كۈچى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلماقتا. ئۇلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈۋېلىش دەردىگە چۈشۈپ قالغان بۇ كۈنلەردە، بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ئازساندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن بىر خەۋپ دەپ قارىماقتا.
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار قوغلاپ چىقىرىلماقتا
ئىگىلىشىمىزچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى بېيجىڭدىن قوغلاپ چىقىرىشقا باشلىغان. ئۇلار بېيجىڭدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىلىرىنى ئېتىۋېتىپ، كېلەر يىلى چاغاندىن كېيىن بېيجىڭگە كېلىشنى بۇيرۇق قىلغان. بۇنىڭغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارغا ساقچى ئىدارىسى بۇ ھەقتە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بارلىقىنى دېگەن. بۇ قارارغا ئاساسەن، بېيجىڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، بېيجىڭ نوپۇسىغا ئىگە بولغان ھەتتا سىياسى كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ئۇيغۇرلارمۇ ساقچى ئىدارىلىرىغا چاقىرتىلغان.
ئۇلارغا جەدۋەللەر تولدۇرغۇزۇلۇپ، 5-ئايدىن تارتىپ ئولىمپىك يىغىنى ئاخىرلاشقىچە بولغان ئارىلىققىچە ئۇيغۇر دىيارىدىن ھېچقانداق تۇغقىنىنىڭ بېيجىڭغا كېلەلمەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. بېيجىڭ ساقچى ئىدارىلىرى، مەھەللە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆيمۇ-ئۆي ئەتراپلىق مەلۇمات توپلىغان. ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى، باشقا خىتاي پۇقرالىرىغا ئەمەس، پەقەتلا ئۇيغۇرلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ، دېدى. بىز بۇ ئەھۋال ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭدا ياشايدىغان، بېيجىڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بېيجىڭ نوپۇسىغا ئىگە بولغان بۇ خانىم بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ رادىئومىزدا ئاشكارىلانماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
بېيجىڭ ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە بىرمۇ بىر كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان
ئۇ، بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە بىرمۇ بىر كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بۇ خىل ئەھۋال بار. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ساقچى ئىشىكىمنى چېكىپ مېنىڭ ئۆيۈمگە كىردى. مەندىن سەن ئۇيغۇرمۇ، بېيجىڭ شەھىرىدە نوپۇسۇڭ بارمۇ؟، دەپ سورىدى. ئۇ ئەگەر مېنىڭ بېيجىڭ نوپۇسۇم بولمىسا، مېنى بېيجىڭدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن نوپۇس دەپتىرىمنى ۋە كىملىكىمنى چىقىرىپ ساقچىغا كۆرسەتتىم. ساقچىلار كىملىكىم بىلەن نوپۇس دەپتىرىمنى تەكشۈرگەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى. ئىچىمدە ھەممە ئادەمنىڭكىنى تەكشۈرۈۋاتامدىغاندۇ ياكى مەن ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈنلا تەكشۈرۈۋاتامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قوشنىلىرىمدىن سورىسام، بىزنىڭ بىنادا پەقەتلا مېنى تەكشۈرۈپتۇ."
بۇ ئۇيغۇر ئايال، ساقچىلارنىڭ بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يەنە تەكشۈرگىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بۇ ۋەقەدىن بىرقانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ساقچىلار مېنىڭ ئۆيۈمگە يەنە كەلدى. مەندىن يەنە نوپۇس دەپتىرىم بىلەن كىملىكىمنى سورىدى. ئۇلار مەندىن ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئۆيۈڭگە ئۇيغۇر مېھمان كېلەمدۇ، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭ بارمۇ، ئۇلار قەيەردە تۇرىدۇ، ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرلىرى قانداق دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ ھەممىنى يېزىۋېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇلاردىن باشقا ماڭا يەنە بىر ئانكىت تولدۇرغۇزۇپ، قول قويغۇزۇۋالدى."
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچى ئىدارىسىدىن كەلگەندىن باشقا يەنە مەھەللە ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئادەملىرىمۇ بۇ خانىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئانكىت تولدۇرتۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "مەھەللە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۆيۈمگە كەلدى. ماڭا بىر ئانكىت تولدۇرتتى. ئانكېتتا ئارخىپىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، خىزمەت ئورنۇم ۋە مېنىڭ تەرجىمىھالىم ھەققىدە تەپسىلى سوئاللار سورالغان ئىكەن. بۇ ئانكېتنىمۇ بىزنىڭ بىنادا پەقەتلا مەن تولدۇرۇپتىمەن. كېيىن بېيجىڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ سورىسام ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش ئانكېتلارنى تولدۇرۇپتۇ. ھەتتا بېيجىڭنىڭ خېپىڭلى رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق سىياسى كېڭەش ئەزاسى بولغان بىر ئۇيغۇرنىمۇ ساقچى ئىدارىسىغا چاقىرىپ ئاپىرىپ، ئۇنىڭدىن ئولىمپىك مەزگىلىدە يۇرتۇڭدىن تۇغقانلىرىڭ كېلەمدۇ، دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سوراپتۇدەك."
بېيجىڭدا نوپۇسى يوق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ چاتاق ئىكەن
ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمىغان بېيجىڭلىق ئۇيغۇر ئايال بىزگە، بېيجىڭدا نوپۇسى يوق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ چاتاق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بېيجىڭدا نوپۇسى يوق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق. مېنىڭ بىر ئۇيغۇر دوستۇمنىڭ بېيجىڭدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا يېقىن يەردە ئاشخانىسى بار ئىدى. ساقچىلار كېلىپ دوستۇمنىڭ ئاشخانىسىنى ئەتكۈزىۋەتتى. يېقىندىن بېرى بېيجىڭدا ئاشخانا ئېچىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرلەپ بېيجىڭدىن قوغلاپ چىقىۋاتىدۇ. نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قانۇن بويىچە ئاچقان ئاشخانىلارنىمۇ تاقاۋاتىدۇ. ئۇلارنى ئاشخانىلىرىنى 1-2 ئاي ئەمەس، 8 ئايدەك تاقىۋېتىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئەمما ئىجارە ھەققىنى بولسا داۋاملىق تۆلەيدىكەن، دۆلەت بۇلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش بىر ياقتا تۇرسۇن، ھەر خىل باھانىلار بىلەن جەرىمانە قويۇۋاتىدۇ."
بۇ خانىم بىزنىڭ، بۇ ئۇيغۇرلار يۇقىرىغا ئەرز قىلسا بولمامدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "ساقچى تەرەپ بۇ ھەقتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بارلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم بېيجىڭدىن چىقىرىۋېتىلىدىغانلىقىنى دېگەن. ھەتتا بۇ ئاشخانىلارنى 2009-يىلى خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىدىن كېيىن ئېچىشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر قارار چىقارغان يەردە، كىمگە بېرىپ ئەرز قىلىدۇ دەيسىز. بۇ ئۇيغۇرلار بەكلا بىچارە، بېيجىڭدىن كېتىشتىن باشقا چارىسى يوق. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بېيجىڭدا تىجارەت قىلىۋاتقىنى بولسۇن، يېڭى كەلگىنى بولسۇن ھەممىسىنى ئوخشاشلا قوغلاپ چىقىۋاتىدۇ. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئالدى بىلەن ساقچى ئىدارىسىغا بىلدۈرۈشى كېرەك."
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇنداق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشتىكى سەۋەپ
سىزچە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇنداق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشتىكى سەۋەپ نېمە، دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن بۇ خانىم مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورىست دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋپ دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئامال بار ئۇيغۇرلارنى كۆزدىن نېرى قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. پەقەت بۇلا ئەمەس. ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى تاللاندى. بۇنىڭدا دۇنيانىڭ قەيەردىن كەلگەن تەنتەربىيىچى بولسا، بېيجىڭدىكى شۇ مىللەت ياكى شۇنىڭغا يېقىن مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچىلار تاللاندى. ئەمما تۈركىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەردىن كېلىدىغان تەنتەربىيەچىلەر ئۈچۈن بولسا بېيجىڭدىكى قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تاللىمىدى. خىتايلار، بۇلار ھەممىسى ئوخشاش مۇسۇلمان تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرىۋالىدۇ، دەپ قارايدۇ. خىتايلار ئولىمپىك ئۈچۈن كەلگەن تەنتەربىيىچىلەرگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئۆزلىرى ئوقۇتۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئەھۋال مانا مۇشۇ دەرىجىدە پاجىئەلىك." (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نامايىشچىلار ئافېنادىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمىدا خىتايغا قارشى كاشىلا چىقىرىپ ھەيۋە كۆرسەتتى
- خىتاي، دۇنيا مىقياسىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا دۇچ كەلدى
- گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن تەقىپلەشلەر داۋاملاشماقتا
- خىتاينىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدىكى باياناتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يېڭى مۇلاھىزىلەرگە يول ئاچتى
- " ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى" نىڭ سىر پەردىسى تېررورلۇق تەھدىتنىڭ راستلىقىغا گۇمان پەيدا قىلدى
- نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇر پۇتبولچى تونۇلماقتا
- مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلىكلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ھىندىستاندا ئۆتكۈزمەكچى
- ئولىمپىكنى كىم سىياسىيلاشتۇرۇۋاتىدۇ؟
- تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى شەرقىي تۈركىستانچىلارغا باغلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى
- خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى شەرقىي تۈركىستانچىلارغا باغلىدى
- ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئادەم سانى ساختا ئېلان قىلىنماقتا
- ئولىمپىك خىتاينى ئۆزگەرتەمدۇ ياكى خىتاي ئولىمپىكنىمۇ؟
- "ئولىمپىكنىڭ سائىتى خىتاي ئۈچۈن چېلىنماقتا"
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاقساراي ئالدىدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈچ كۆرسەتتى
- شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىكى ئولىمپىك ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر