ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇلاھىزە

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئاددىي چۈشەنچە بىلەن بولسىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى بىر رايوننىڭ بىر خەلقىنىڭ بىر ئائىلىنىڭ بىر شەخسنىڭ كەلگۈسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.09.08
Dr-Erkin-Ekrem-sozde-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻥ ‏- ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىش مەيلى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار بولسۇن، مەيلى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بولسۇن ئۇزۇندىن بۇيان قىزىقىپ كېلىۋاتقان مۇھىم بىر نۇقتا.
 
يېقىندا ئىستانبۇلدا ئېچىلغان "ئۇيغۇر پەن ‏- مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى" دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇلاھىزە دېگەن تېمىدا توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادا كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزالايدىغان، كاناداغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى تىلغا ئالىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ئەمما ئۇيغۇرلار ئاجىز بولغاچقا بۇ خەلقئارا پۇرسەتتىن پايدىلىنىشتا نەتىجىسىز قېلىۋاتىدۇ."

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلسا خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۈستىدە توختالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوخشاشماسلىق پەرقلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى.
 
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇستەقىللىق يولىدا ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىدا قايسى خىل ئۇسۇلنىڭ نەتىجىلىك بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.