"گېرمانىيە ئاۋازى" دا: "ئۇيغۇرلار تېررورىست ئەمەس!"
2006.08.23
گېرمانىيىنىڭ خەلقئارالىق رادىئو قانىلى بولغان "گېرمانىيە ئاۋازى" نىڭ 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىكى ئەتىگەنلىك خەۋىرىدە "ئۇيغۇرلار تېررورىست ئەمەس!" ناملىق زىيارەت خاتىرىسى ئاڭلىتىلدى. بۇ خەۋەرنى "گېرمانىيە ئاۋازى" نىڭ مۇخبىرى Aliksandér Froid ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ھادىسىلەرنى ئاساس قىلىش بىلەن بىرگە، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى تاش ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان.
خەۋەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى "ئەل-قائىدە" گۇرۇھىغا چېتىپ، تېررورىستلىق بىلەن ئەيىبلەپ باشتۇرىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە، مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق بىر تېررور بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلىقىنى ئىزاھلىغان.
مۇخبىر Aliksandér Froid، ئۈرۈمچىدىكى بىر مۇسۇلمانلار ئاشخانىسىدا بىر ئائىلە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققى قىلغان يۇرتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ نامرات ۋە قالاق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تۈرلۈك زۇلۇملىرى دەستىدىن تىنىق ئالغۇدەك ھالى قالمىغانلىقىنى، شۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ قەدەر ئېغىر بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا يەنىلا ئېتىقادىنى مۇستەھكەم ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن.
ئۇيغۇر زىيالىسى تاش ئەپەندى، ئالىكساندېرغا مۇنداق دېگەن:
"بىز 50 يىل ئىلگىرى يوقىتىپ قويغان مۇستەقىللىقىمىزنى قايتۇرىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، بىزنىڭ ئۆز دۆلىتىمىز بار ئىدى. ئۆزىمىزنىڭ پاسپورتى ۋە دۆلەت بايرىقى بار ئىدى. بىز ھازىر ئۇنىڭغا مۇھتاج. بىلەمسىز؟ بىز ئەسلىدە جۇڭگولۇقلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى، ئۇلار بىلەن تىنچ بىللە ئۆتۈشنى خالايتتۇق. لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلدى. بىزنى بەك كۆپ ئالدىدى. ھازىر بىزنىڭ ھىچ نەرسىمىز قالمىدى. ئۇلار بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنى ۋە باشقا ھەممە نەرسىمىزنى تارتىۋالدى. بىز جۇنڭولۇقلارغا ئەمدى ئىشەنمەيمىز. بىز مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز. بىزگە مۇستەقىللىق كېرەك. بىز كومپارتىيە بىلەن خوشلىشىشنى خالايمىز!"
مۇخبىر ئالىكساندېر، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە دەپسەندە قىلىشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن بىزار بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
تاش ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
"ئەگەر سىز مەسچىتكە كىرسىڭىز ياكى ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى، ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز ۋە ياكى ئەركىنلىك ھەققىدە پىكىر قىلسىڭىز، سىزنى دەرھال قولغا ئالىدۇ. بۇلارنى مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. دىنىي ئەركىنلىك دېگەن نەرسە يوق، ئەسلا مەۋجۇد ئەمەس!".
مەزكۇر خەۋەردە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ دۇنيا بويىچە تەبىئى بايلىقى ئەڭ مول زېمىن ئىكەنلىكى، بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، دىنىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا تەرەپلەردە قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، خىتاينى باي قىلىۋاتقان نۇرغۇن تەبىئى بايلىقلار ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا نامراتلىققا مەھكۇم قىلىنغانلىقى ۋە تۇرمۇشىدا يېڭىلىق بولمىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
تاش ئەپەندىم يەنە مۇنداق دېگەن: "ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولسىمۇ، تەنچلىقپەرۋەر بىر مىللەت. ئەمما خىتايلار بىزنى چەتئەلگە تېررورىستىك بىر گورۇھ قىلىپ كۆرسىتىشكە تېرىشىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق دەلىلى يوق."
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ قۇربانلىقى
- كىم تررورىست؟
- خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قارشى قوللانماقچى
- تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن "ساباھ" گېزىتىدە 3 كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارى
- خىتاي زەھەرلىك چېكىملىكنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتمەكتە
- قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى
- ئۇيغۇرلار ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى