ئۇيغۇرلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قاغىلىق ۋە كورلا ۋەقەسى ھەققىدە دوكلات سۇندى

28 - فېۋرال كۈنى قەشقەرنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىق خەۋىرى تارقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، كورلىدا 8 - مارت كۈنى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇش مەيدانغا كېلىپ 4 ئۇيغۇر ئۆلگەن ئىدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-03-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سۈرەتتە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندى ئىشخانىسىدا
سۈرەتتە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندى ئىشخانىسىدا
Photo: RFA

بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن پىدائىيلار قەشقەر ۋە ئاقتۇدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، كورلىدىكى خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن باشقا يەنە، كورلىدا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋە كورلىدىن ھەيدەپ چىقىرىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالدى. بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاپ تۈركىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا سۇنۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇ ھەقتە قىسقا دوكلات تەييارلاپ، تۈركىيە پارلامېنتىغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرگە بەردى. ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى ۋەقەدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئۇلارمۇ تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت