ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرىنىڭ سانى كۆپەيدى، ئەمما ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاشماقتا

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تور بېتى ھەم ئۈرۈمچى لىنىيىسى قاتارلىقلارنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.06.16
ishsiz-uyghur-yashlar-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭ.
RFA Photo

ئەمما نۆۋەتتە، ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى رايوندا ھەل بولماي كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەردىن بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن 15 - ئىيۇن كۈنى، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئېمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار "ئارزۇ جەدۋىلى"نى تولدۇرۇش ئىشىنى تاماملىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى 30 غا يېقىن ئۇنىۋېرسىتېت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا كەلگەن ئۇنىۋېرسىتېتلار رايوندىكى ئادەتتىكى كەسىپلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرغان. مەسىلەن :خىتاي پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل 26 كەسىپ بويىچە رايوندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، يېڭىدىن تېببىي پەنلەر كەسپى قاتارلىق بىر قانچە كەسىپنى كۆپەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن بېيجىڭ پوچتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ دېڭ فامىلىلىك خىزمەتچى خادىمى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ نۆۋەت رايوندىكى خىتاي تىلىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن 47 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئىمتىھان نەتىجىسى ئۆلچەمگە يەتكەن بولسىلا ئۇلارنى قوبۇل قىلىشتا مىللەت ئايرىمىسى چەكلىمىسى قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاتا - ئانىلار ئۇنىۋېرسىتېتلار قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيگەنلىكىگە نىسبەتەن سالقىن پوزىتسىيىدە بولغان. نۆۋەتتە ئاتا - ئانىلارنىڭ غېمى بالىلىرىنى قانداق مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قانداق خىزمەت تېپىش مەسىلىسى بولۇپ قالغان.

مەسىلەن، تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خىتاي تىلىدىكى سەھىپىسىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىنكاسى قىسمىدا، نۆۋەتتە رايوندىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەم جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى يازمىلار كۆپەيگەن.

شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر يازمىدا مۇنداق دېيىلگەن: "بالىلارنى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتۇپ، ياراملىق ئادەم قىلىش ھەر بىر ئاتا - ئانىنىڭ ئارزۇسى. ئەمما ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگەتكەن بالىلار ئىشسىز قېلىۋاتىدۇ. ھازىر دۆلەت رايوندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز دەۋاتىدۇ، ئەمما رايوندىكى ئىشسىزلىق مەسىلىلىرى ھەل بولماي كېلىۋاتىدۇ. ئاتا - ئانىلار نۇرغۇن پۇل خەجلەپ بالىلىرىمىزنى ئوقۇتۇۋاتىمىز، دۆلەت ستۇدېنتلارنى كۆپلەپ تەربىيىلەۋاتىدۇ. ئەمما بۇ بالىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئىشسىز قېلىۋاتىدۇ!"

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە، رايوندىن قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكىم بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىل يەنە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى 27 ساقچى ھەربىي مەكتەپلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىن 586 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر بىز خەلقئارا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ مۇخبىرلىرى تېلېفون ئۇرۇش، ئېلخەت يوللاش، بىۋاسىتە پاراڭلىشىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئاتا - ئانا، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، مۇتەخەسسىس، كادىرلار بولۇپ 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلار بۇ خىل ھەربىي مەكتەپلەرگە ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئىلشات ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قارىشىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ھەربىي مەكتەپ قاتارلىق سەزگۈر ئورۇنلارغا ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ ئەزەلدىنلا تۆۋەن بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى.

نۆۋەتتە، رايوندىكى ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان رايوندىن ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان ستۇدېنتلار سانى ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تاپالماسلىق مەسىلىسى يەنىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.