خىتاي دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنى يەنە تۇتقۇن قىلماقتا

مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ 29 - سىېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش باھانىسىدا پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2008.09.29
qeshqer-saqchi-charlash-305 ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo

داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇش

بۇندىن ئىلگىرىلا، خىتاي ھۆكۈمىتى سەمەنيولى ۋەقەسى، كۇچار ۋەقەسى، يامانيار ۋەقەسى ۋە قىزىلبۇيا ۋەقەلىرىنىڭ تەسىرىنى تازىلاش، ھۆكۈمەتكە قارشى ئىدىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى تامامەن جىمىقتۇرۇش مەقسىتىدە "ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان ئىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيلا ئېلىپ بېرىلغان "دۆلەت بايرىمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش" ھەرىكىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچلەر" دىن ھېلىمۇ قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

د ئۇ ق باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇد زىددىيەتلەرنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، بەلكى بۇ زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ب د ت قانۇنىغا خىلاپ ھەرىكەت

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ مەزكۇر باياناتىدا، ب د ت نىڭ پۇقرالارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە تۈپتىن خىلاپ ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇرالغۇلىرىدىن ئايرىلىپ، باشقا يۇرتلارغا ساياھەت قىلىش ياكى تۇغقان يوقلاشقا بېرىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكى، يول ئۈستىدىكىلەرنىڭ يۈك - تاقلىرىنىڭ قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ قاتتىق تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

چەت`ئەلدىن كىرگۈچى ۋە چەتكە چىققۇچى كىشىلەرنىڭمۇ ئوخشاش بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا يەنە، ئىلگىرى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ۋە ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىش جازالىرىغا ئۇچرىغان ھەمدە قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن "گۇمانلىق" دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ بىردەك تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

"مىڭە يۇيۇش" ھەرىكىتى ئەۋىج ئالماقتا

دىلشات رېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئورگانلىرى مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يەنى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، يۇرت ئاتلاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قونالغۇ بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا "ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى" دىن ئىبارەت "مېڭە تازىلاش" پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ خىل بېسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ئىدىيىسىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولغان.

د ئۇ ق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە تەييارلانماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى بولغان 1 - ئۆكتەبىر كۈنىنى د ئۇ ق "ماتەم كۈنى" دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى "1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى" نى داغدۇغۇلۇق خاتىرىلەشكە جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، د ئۇ ق چەت`ئەللەردىكى بارلىق تەشكىلاتلارغا مۇراجىئەتلەر ئېلان قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانماقتا.

چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇرۇش، تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ھەم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق ھەم غەزەپ - نەپرەتلىرىنى ئىپادىلەشنى ئىرادە قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.