ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى، تۈركىيە سابىق باش مىنىستىرى Bülent Ecevit ۋاپات بولدى


2006.11.08
Bulent-Ejevit.jpg
تۈركىيە باش مىنىستىرى Bülent Ecevit 2002 – يىلى 16 – ئاپرىل كۈنى تۈركىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى جۇ روڭجى بىلەن. Bülent Ecevit ئەينى ۋاقىتتىكى مۇخبىرلانى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تىلى بىر، دىنى بىر تۇغقان ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىنسا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. AFP

81 يىللىق ھاياتىنىڭ 45 يىلىنى تۈرك سىياسىتىگە ئاتىغان، پېشقەدەم سىياسەتچى، تۈركىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى Bülent Ecevit‏ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ تاشقى دۇنيادا سول كۆز قاراشقا ئىگە مىللەتچى دەپ تونۇلاتتى. Bülent Ecevit‏ 1925-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەنقەرەدە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئىستانبۇلدىكى ئامېرىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1957-يىلى ياش تۇرۇپلا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1972-يىلى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ سىياسى ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم قارارلاردىن بىرى 1974-يىلى تۈركىيىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان ۋاقتىدا سىپېرۇستا تۈركلەرنىڭ زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلىكى سەۋەبى بىلەن سىپېرۇسقا ئەسكىرى ھەرىكەت باشلاش بۇيرۇقىنى بېرىش بولدى. Bülent Ecevit‏ 2000-يىلىدىكى ئومۇمى سايلامدا 3 پارتىيە ئورتاق قۇرغان ھۆكۈمەتتە 2-قېتىم باش مىنىستىر بولغان. ئۇ، 2002-يىلى خىتاي باش مىنىستىرى زھۇ رۇڭجىنىڭ تۈركىيىگە ئەلىپ بارغان زىيارىتىدە ئىكى تەرەپنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى جەريانىدا تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تىلى بىر، دىنى بىر تۇغقان ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىنسا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ بۇ سوزى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىمۇ تەخت قۇرغان ئىدى. 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى مېڭىسىگە قان چۈشۈش سەۋەبى بىلەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان Bülent Ecevit نىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولۇشى تۈرك خەلقىنى قايغۇغا چۆمدۈرگەنگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر خەلقىنىمۇ قاتتىق ئوخشاشلا قايغۇغا چۆمدۈردى. Bülent Ecevit ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايتتى؟ سىياسى ھاياتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن قانداق رول ئوينىغان، نىمىلەرنى دېگەن، بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر بىلەن زىيارەت ئېلىپ باردۇق.

تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى ھامۇت گوكتۈرك ئەپەندى Bülent Ecevit زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، Bülent Ecevit ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.