ئۇيغۇرشۇناسلىق غەرب دۇنياسىدا تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ


2007-06-18
Share

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ غەرب دۇنياسىغا تېخىمۇ بەكرەك تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، غەرب مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىمۇ راۋاجلانماقتا. نۆۋەتتە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان ھەتتا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى تەسىس قىلىنغان.

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركولوگىيە ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان ، قاھار بارات ئەپەندى ئامېرىكىدا ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئامېرىكىدا تېخىمۇ راۋاجلىنىشى ھەتتا بۇ ساھەگە تېخىمۇ كۆپ يېڭى كۈچلەرنىڭ قوشۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ قاھار بارات ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت