ئالماتادا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2005.10.05

30-سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى سۇلايمانوپ نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا "قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق، ئەنئەنە ۋە يېڭىلىقلار" دېگەن تېما ئاستىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى 10 نەچچە يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ، خەلقئارالىق تۈس ئالغان، كەڭ دائىرىلىك تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ، ئامېرىكا، ئۇيغۇر ئېلى ھەم ياپونىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرشۇناسلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى ھەققىدە تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

بۇ يىغىننى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان

بۇ قېتىمقى يىغىندا پېشقەدەم ۋە يېڭى ئەۋلاد ئالىملار ھەمدە چەتئەل ئالىملىرى بىرلىكتە ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە بۇ يىغىن ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا سۇلايمانوپ نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ قارمىغىدىكى غوجا ئەخمەت سادۋاقوسوپ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىنستىتۇت دىرېكتورى ئابۇسېيىتوۋا خانىم، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە جامائەت ۋەكىللىرىنىڭ باشلامچىلىرىدىن " ئۇيغۇر ئاۋازى " گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يولداش ئازاماتوپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئا. ئابدۇللايېۋ ھەمدە قازاقىستان ئاكادېمىكلىرى ۋە پېشقەدەم ئۇيغۇرشۇناس ئالىملىرىدىن ئابدۇۋېلى قايداروپ شۇنىڭدەك پروفېسسور، دوكتور تۇغلۇقجان تالىپوۋ قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

يىغىن ئۈچ گۇرۇپپا بويىچە ئۆتكۈزۈلدى

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن تارىخ ، تىل –ئەدەبىيات ۋە ئېتنولوگىيە مەسىلىلىرى بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغان. تارىخ گۇرۇپپىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىي مەسىلىلىرى بويىچە قازاقىستان ئالىملىرىدىن رىسالەت كەرىموۋانىڭ " 14-18-ئەسىرلەردىكى شەرقىي تۈركىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تارىخىدىن"، ئابلەت كامالوپنىڭ " ياقۇپ بەگ ۋەقەسىدىن كېيىن قەشقەردىن فەرغانە ۋادىسىغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى"، كوممۇنار تالىپوۋنىڭ " ئەلىخان تۆرە قۇمۇل ئىنقىلابى ھەققىدە" قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ئەڭ قىزىقارلىق تېما ياپونىيە ئالىمى جۇن سۇگاۋارا تەرىپىدىن ئوقۇلغان ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 30-40-يىللاردا ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتى ھەققىدىكى ماقالە بولۇپ، ياپون ئالىمى ياپونىيە ئىمپېرىيە ئارخىپلىرىدىن 30-40-يىللاردىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەسىلىلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تاپقان. ئېتنولوگىيە گۇرۇپپىسىدا بولسا، ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن دوكتور گېگىل ئىسھاقوپنىڭ " شەرقىي تۈركىستان تارىخىي –مەدەنىيەت رايونلىرىنىڭ شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكلىرى"، زاھىر جەلىلوپنىڭ " ئىسلام ۋە ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئېتىقادلىرى" ۋە باشقا ماقالىلار ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەردىن راھىلە داۋۇت ۋە ئەسئەت سۇلايمان قاتارلىقلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماقالىسى سىياسىي سەزگۈرلۈكى بولمىغان، گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى ھەمدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مازارلارغا چوقۇنۇش مەسىلىسى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان.

تىل-ئەدەبىيات گۇررۇپىسىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىيات مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئاتاقلىق پېشقەدەم تىلشۇناس ئالىم تۇغلۇقجان تالىپوۋ ئەپەندى قازاقىستان ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى مەسىلىلىرىنى دەۋرلەرگە بۆلۈپ باھا بەرگەن بولسا، ئالىمجان ھەمرايېۋ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى مەسىلىسى ھەققىدە، ساۋۇت موللاۋۇدوپ ئەپەندى تۇرپانشۇناسلىقنىڭ يېڭى يۈزلىنىش ئەھۋالى ،دىلنۇر قاسىموۋا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالغان. يىغىندا سىياسىي سەزگۈرلۈكى بار تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما، ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزىلىۋاتقان خىتاينىڭ تىل سىياسىتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىلگىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن پايدىلىق مەنبە دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر بۇ ئۈمىدنىڭ يوقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بولۇپ، تۈركولوگىيىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ھېسابلانغان ئۇيغۇرشۇناسلىق 70-80-يىللاردا زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تاقىلىپ، كىچىك بىر مەركەزگە چۈشۈرىلدى. ئانداقتا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.