قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى
2005.10.06

30-سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالماتاغا جايلاشقان سۇلايمانوپ نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ قارمىغىدىكى غوجا ئەخمەت سادۋاقاسوپ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالىملار قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىيات باسقۇچلىرى جۈملىدىن ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەمدە كېلەچىكى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ قىسقىچە تارىخى ئەھۋالى
ئەسلىدە قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بولۇپ، تۈركىلوگىيىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ھېسابلانغان ئۇيغۇرشۇناسلىق، رۇسىيە ۋە ياۋروپادا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەكىللىنىپ، مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسا، 20-ئەسىرنىڭ 20-30—يىللىرىدىن كېيىن موسكۋا، تاشكەنت ۋە ئالماتىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار تېخىمۇ كەڭ دائىرە بويىچە ئىزدىنىپ دەسلەپكى نەتىجىلەرنى ياراتتى ھەمدە تۇنجى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرى، تارىخچىلىرى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىرى يېتىشىپ چىقتى.
30-يىللاردا تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرى بۇرھان قاسىموپ، ئومەر قاسىموپ ۋە ئابدۇلھەي مۇھەممەدى شۇنىڭدەك يەنە ئالمۇتىدىكى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوپ، لاتىپ ئەنسارى، شاكىرجانوپ قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملىرى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تۇنجى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ قالغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېپ ۋە ئىسمائىل تاھىروپ قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تىل-ئەدەبىيات مەسىلىلىرى بويىچە ماقالىلارنى يازغان ھەمدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ راۋاجلىنىشىنى يېقىندىن قوللىغان ئىدى.
غوجا ئەخمەت سادۋاقوسوپ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، پېشقەدەم ئەدەبىياتشۇناس ساۋۇت موللاۋۇدوپ ئەپەندى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە،30-يىللاردىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۇيغۇرچە دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى نەشىر قىلىشنى ئاساس قىلغان. 49-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىغىدا ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيەت بۆلۈمى قۇرۇلۇپ، كېيىن ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ بۆلۈم تاكى 1986-يىلىغىچە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىلشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى قارمىغىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى سۈپىتىدە ئىشلىگەندىن كېيىن موسكۋانىڭ بۇيرۇقى بويىچە 1986-يىلى رەسمى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى بولۇپ، ئۇنىڭدا 80 گە يېقىن ئۇيغۇرشۇناس ئالىم تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ھەممە ساھەسى بويىچە كۆپلىگەن كىتابلار ،ماقالىلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قازاقىستان، ئۇيغۇرشۇئانسلىقنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق مەركىزى سۈپىتىدە تونۇلغان ئىدى.
50-يىللاردا ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيەت بۆلۈمى تۇغلۇقجان تالىپوپ، غوجا ئەخمەت سادۋاقوسوپ، ئابدۇۋەلى قايداروپ قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە ئاسپىرانتلىققا ئالغان. 1957-يىلىدىن كېيىن ساۋۇت موللاۋۇدوپ، قۇربان توختەموپ قاتارلىقلار ئاسپىرانت بولغان. 50-يىللاردا مەزكۇر بۆلۈمدە تارىخچى ئەرشىدىن ھىدايەتوپ، ئايشەم شەمىيېۋا ۋە يۈسۈپ سۇنۋازا قاتارلىقلار ئىشلىگەن.
ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بىر مەزگىل تەرەققى قىلىشى موسكۋا تەرىپىدىن قۇۋەتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى جىددىيلەشكەن سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى 1995-يىلى بۇ ئىنستىتۇتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى قارمىغىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىي قىلىپ قويدى. نەتىجىدە، كۆپلىگەن ئۇيغۇرشۇئاناسلار بۇ ساھەدىن بوشاپ، باشقا كەسىپلەرگە ئالماشتى.
ئۇيغۇرشۇناسلىقتا ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قوشقا تۆھپىسى
دەسلەپكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپالىقلار ۋە رۇسلار بولغان بولسا، 30-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىياتى، تىلى، تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيىسى ھەم باشقا مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقات قىلىشقا باشلىدى. 70-90-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كۈچلۈك ئۇيغۇر ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرشۇناسلار قوشۇنى يېتىشىپ چىقتى. پېشقەدەم ئۇيغۇرشۇناس ساۋۇت موللاۋۇدوپ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە 40-يىللاردىكى مەرھۇم ئەرشىدىن ھىدايېتوپ، 80-90-يىللاردىكىلەردىن مالىك كەبىروپ، داۋۇت ئىسسىيېۋ ، فىلولوگىيە ئالىملىرىدىن ئاكادېمىك مەرھۇم مۇرات ھەمرايېۋ ۋە غوجا ئەخمەت سادۋاقاسوپلارنى ھەم باشقىلارنى ،پېشقەدەم تىلشۇناس ھەم ئۇيغۇر فونېتىكاشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھازىر، يېشى 80دىن ئاشقان دوكتور تۇغلۇقجان تالىپوۋنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.
تاكى 1995-يىلىغىچە مۇستەقىل ئىنىستىتۇت بولغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ئۆزىنىڭ خامچوتىغا ئىگە بولۇپ، بىۋاستە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات تېمىلىرىنى بەلگىلەش ۋە ئاسپىرانت تەييارلاش ھوقۇقلىرىغا ئېرىشكەن.
ئومۇمەن بىر پۈتۈن ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا ،ئۇيغۇر ئالىملىرى ،تارىخچىلىرى ۋە تىلشۇناسلىرىدىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەرشىدىن ھىدايېتوپ ۋە ئايشەم شەمىيېۋا ھەم باشقا كۆپلىگەن نامايەندىلەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىلا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تىلى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئاچقان بولسا، 80-90-يىللاردىكى ئاكادېمىكلاردىن مۇرات ھەمرايېۋ، غوجا ئەخمەت سادۋاقاسوپ قاتارلىقلار ھەمدە داۋۇت ئىسسىيېۋ، مالىك كەبىروپ قاتارلىق قازاقىستان ئۇيغۇر تارىخچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىملاردىن تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە باشقا ئۇيغۇر ئالىملىرى بۇ ساھەنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ھەم ئىستىقبالىنى نامايەن قىلدى.
ئىستىقبال نەدە؟
قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن يەنى 1995-يىلى،10 يىلغا يېقىن مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى كرىزىسقا ئۇچراشقا قاراپ يۈزلەندى. ئۇيغۇرشۇناسلىق رەسمى بىر ئىلىم سۈپىتىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوللاشقا ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئېرىشەلمىدى. بۇرۇنقى غوجا ئەخمەت سادۋاقاسوپ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى كىچىككىنە بىر مەركەزگە چۈشۈرىلىش بىلەن ئاران 15 نەپەر ئالىم ئومۇمىي شەرقشۇناسلىقنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئىشلىمەكتە.
ئۇيغۇر تىلشۇناس دىلنۇر قاسىموۋا خانىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، بەلكى بۇ ساھەنىڭ قازاقىستاندا بىر قانچە يىل ئىچىدە يوقىلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھازىر ھېچكىمگە سىر ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن ئالىملار ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەكچى بولغان.
قازاقىستان ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى تاقىشى ۋە باشقىلار يېڭى قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، بۇ يەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى بېسىمىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما، ئۇيغۇر تەتقىقاتى خەلقئارا خاراكتېرلىق ئىلىم بولۇپ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھازىر دۇنيا يۈزىدە 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتە بۇ ساھە بويىچە تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار بار. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا تەتقىقاتلار ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، قەدىمكى مەدەنىيىتى ھەم يازما يادىكارلىقلىرىغا قارىتىلغان بولسا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقارالىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان مەسىلىلىرى سىياسەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىلىرىدىن تەتقىق قىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان يېڭى ئەۋلاد ئالىملىرى كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشقا، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قىزىقىشلار كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت پروگراممىلار تەسىس قىلىنماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالماتادا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە دۇنيا مۇسۇلمان ياشلىرى مەدەنىيەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇر ۋەكىلى نورۋىگىيىدە ئېچىلغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتناشتى
- 8- نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى سەنئەت بايرىمى باشلاندى
- تۈركىيىدە 8-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى
- تۈركىيىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە ئىنسان ھەقلىرى يىغىنى ئېچىلدى
- تۈركىيىدە تەيۋەن ئىلمىي مۇھاكىمە تىغىنى ئېچىلدى