خىتاي خەۋەر ۋاستىلىرى، يېقىندا خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدىكى لايسۇ كەنتىنىڭ دۇنيا بۇيىچە 4 چوڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەركىزىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ خەۋەر ئۇيغۇرلارنى چەكسىز شاتلىققا چۆمدۈرگەن بولۇپ، خەۋەردە بۇ كەنتتە 2400 كىشىنىڭ ياشايدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 60 ياشتىن يۇقىرىلار 167 نەپەر، 80 ياشتىن يۇقىرىلار 30 نەپەر ۋە 100 ياشتىن ئاشقانلار 16 نەپەر ئىكەنلىكى، كەنتتە يېشى ئەڭ چوڭ كىشى روزى ئىسىملىك بوۋاي بولۇپ، ئۇنىڭ بالا - چاقا ۋە نەۋرە - چەۋرىلىرىنىڭ سانى60 - 70 كە يېتىپ بارغانلىقى بايان قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە، كەنتتىكى ئىنسانلارنىڭ ھېچبىرى تاماكا چەكمەيدىغانلىقى، ھاراق ئىچمەيدىغانلىقى، قېرىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئىنسانلارنىڭكىدىن ياخشى بولۇپ، ئىشتىيى ئوبدان ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن .
گەرچە خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدىكى لايسۇ كەنتى يېقىندا دۇنيا بۇيىچە 4 چوڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەركىزىنىڭ بىرى دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئالاھىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى ھەمدە ئوزۇقلۇقنىڭ بىخەتەر بولماسلىقى شۇنىڭدەك ھەر خىل سىياسىي بېسىملار تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ دوكتۇر قاھار بارات ۋە دوكتور مۇھەممەتئىمىنلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
