1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى


2006.08.29

ھەج سەپىرىگە بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىن پاكىستانغا كەلگەن 2000 ئەتراپىدىكى كىشىنىڭ ۋىزا تەلىپى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن 29‏- ئاۋغۇست كۈنى پاكىستان ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. بۇ ئۇيغۇرلار دىنىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بار يوقىنى سېتىپ چىققانلىقىنى، ياشانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسسىقتىن كېسەل بولۇپ پەرىشان بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىدىن ۋىزا بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ئابدۇلقېيۇم ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.