شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇشىدا نېمە سەۋەب بار؟

0:00 / 0:00

يېقىندا، خىتاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتىيە - ھۆكۈمەت كادىرلىرىدىن مەخسۇس بىر ئۆمەك تەشكىللەپ، ئۆز ئۆلكىسىگە ئەۋەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت ئاخبارات تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن مەلۇماتتا، ۋاڭ لېچۇەننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇنىڭ پارتىيە - ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنى شەندوڭغا ئەۋەتىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆگىنىش بىلەن تەڭ، شەندوڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قوشىۋاتقان تۆھپىلىرىگە رەخمەت ئېيتىش ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، شەندوڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىۋاتامدۇ ؟ ياكى ئۇيغۇر ئېلى شەندوڭنىڭ باي بولىشىغا ئاساس سېلىۋاتامدۇ؟ بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگرامما دېققىتىڭلاردا بولسۇن.