د ئۇ ق ۋاڭ لېچۈەننىڭ رابىيە خانىمغا تۆھمەت چاپلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
2005.08.26
8 - ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئاتاقلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچسى رابىيە قادىرنى چەتئەلدە تېررولۇق تەشكىلاتلارغا ئارىلاشقان ۋە تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان دەپ ئەيىبلىدى.
ۋاڭ لېچۈئەن يەنە مۇخبىرلارغا "رابىيە قادىر ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن، '3 خىل كۈچلەر' نىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە غوللۇق تېررورچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ مەخپىي پىلانلارنى تۈزگەن ھەمدە گېرمانىيىدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنى ۋاقتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مەزگىلىدە تېررورلۇق پائالىيەتلەرنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە كېچىچە مەسلىھەتلەشكەن" دېگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتىكىن ئەپەندى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ داھىسى، رەھبىرى ۋە قەھرىمان ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنى تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە تىنچ يوللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى ھاقارەتلىگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ ۋاڭ لېچۈەننىڭ رابىيە قادىر خانىمغا بوھتان چاپلىشىنى ئەيىبلىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتتى
- رابىيە قادىر خانىم ۋاڭ لېچۇەننىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇردى
- ۋاڭ لېچۈەن، رابىيە خانىمنى تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى دەپ ئەيىبلىدى
- ئىسمايىل تىلىۋالدى نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى