ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاسلار


2006.10.19
dongkowruk.jpg
ئۈرۈمچىدىكى دۆڭ كۆۋرۈك خەلقئارالىق چوڭ بازاردىكى ئۇيغۇرلار. گەرچە ئۈرۈمچى تىز تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئىش تېپىش مەسىلىسى تېخىمۇ تەسكە توختىماقتا.

گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن بۇنىڭغا ئىقرار بولغان بولسىمۇ، ئۇ مەزكۇر مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبنى خىتاي تىلى بىلىش ياكى بىلمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت، مېتاللورگىيە ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش ساھەلىرى نۇرغۇن ئەمگەك كۈچىگە مۇھتاج بولسىمۇ، ئۇلارغا كېرەك بولغىنى يەنىلا كەسپىي خادىملار ئىكەن. مەسىلەن، تۆمۈر يول، ئايرودروم ۋە سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خىزمەتلەرنى پەقەت شۈ كەسىپتىكى خادىملارلا ئۆز ھۆددىسىگە ئالالايدىكەن.

ۋاڭ لېچۈەن: خىتايچە بىلمىسە ئىلاج يوق

ۋاڭ لېچۈەن يېقىندا، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ تەس بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ خىتاي تىلىنى بىلمەيۋاتقانلىقى، ھازىر بۇ يەردىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي تىلى قوللىنىدۇ، تىل بىلمەي تۇرۇپ خىزمەت تېپىش تەس. بۇنىڭغا ئىلاج يوق"، دەپ كۆرسەتكەن.

ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە يەنە "ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە ئەمگەك كۈچىنىڭ ساپا تەربىيىسى مەسىلىسى، بۇ خىل ساپا تەربىيىسى ئالدى بىلەن تىل تەربىيىسىدىن باشلىنىدۇ. بۇ بولسىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىدۇر. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا خىتاي تىلىدا تەربىيە ئېلىشى كېرەك. باشلانغۇچ بىرىنچى سېنىپتىن باشلاپلا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئەمگەك كۈچى ساپاسىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولغان ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ دېگەنلىرى ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلمەكتە، شۇنداقلا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا كەمسىتىلىشى بەكمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئىش

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش سېكرېتارى ئالىم سېيتوف ئەپەندى ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغا ئېغىر كەمسىتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نيو-يرۇكتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ساۋۇن خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى تۈپەيلىدىن، ئۆز ماكانىدا چەتكە قېقىلىپ، خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ تەس بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ خىتاي تىلىنى بىلمەيۋاتقانلىقىدىن" دېگەن سۆزىگە قارىتا، مۇنداق دېدى:

"ھازىرقى مەسىلە خىتاي تىلىنى بىلىش ياكى بىلمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس، ئۇلار ھازىر خىتاي تىلى راۋان بولغانلارنىمۇ خىزمەتكە ئالمايدۇ. مەسىلەن، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي تىلىدا ناھايىتى راۋان سۆزلەيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا خىزمەت تاپالماي كەمسىتىشكە دۇچ كەلمەكتە".

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەھرىرى لياۋ تيەنچى خانىم "بۇ بەكمۇ چېكىدىن ئاشقان بىر خىل كەمسىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكانىدا بۇنداق كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىشى، يەنە كېلىپ خىتاي تىلى بىلمەيدۇ دېگەن باھانە بىلەن ئىشسىز قېلىۋاتقانلىقى ھەقىقەتەن بەكمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئىش" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.