ۋاڭ لېچۈئەن، قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى


2008.02.22

WANGLECHUEN-150.jpg
ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن. AFP Photo

ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن، 18 ‏- فېۋرال كۈنى خوڭكوڭدىكى سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېغىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئىسيانلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەم قاتتىق، ھەم يۇمشاق ۋاستە قوللانغانلىقىنى، قوللانغان يۇمشاق ۋاستىلىرىدىن بىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى¡ قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلاردا جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئاشكارا تىلغا ئالغان.

قوش تىللىق مائارىپ بىلەن "قاتتىق زەربە بېرىش" تەڭ باشلانغان

ۋاڭ لېچۈئەن 2002 ‏- يىلى 28 ‏- مارت كۈنى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېگەن ئىدى: "ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنىڭ سىغىمچانلىقى ناھايىتى كىچىك، بۇ تىل بىلەن زامانىۋىي پەن-تېخنىكىغا ئائىت ئۇقۇملارنى ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ، شۇڭا زامانىۋىي پەن-تېخنىكا بۇيىچە تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ.". ۋاڭ لېچۈئەن بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنى ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى زامانىۋىي مائارىپتىن بەھرىمان قىلىش ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2005 ‏- يىلى 7 ‏- دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ بۇيىچە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 1999 ‏- يىلى 2629 نەپەر بولغان، 2004 ‏- يىلى بولسا 35948 نەپەرگە، 2005 ‏-يىلى بولسا 145000 نەپەرگە يەتكەن. قوش تىللىق مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرى سانىنىڭ تېز يۈكسەلگەن ۋاقتى، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى قاتتىق زەربە بېرىشنى باشلىغان يىلىغا توغرا كېلىدۇ.

خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز ئۆلكىلىرىدىكى 12 شەھەردە، شىنجاڭ سىنىپى ئاچقان ۋاقىت 1997 ‏-يىلى بولۇپ، بۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن 7 ‏-نومۇرلۇق ھۆججەت چىقارغاندىن بىر يىل كېيىنگە توغرا كېلىدۇ. بۇ مەلۇماتلار، ئۇيغۇر رايونىدىكى قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكەتنىڭ تەڭ قەدەمدە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈرۈمچى، چۆچەك ۋە تۇرپاندىن ئىبارەت 3 شەھەردە سىناق سىنىپلىرىنى ئاچقان بولسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدىغان جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردىمۇ ئىجرائاتى باشلانغان. گۇئاڭمىڭ كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 2005 ‏-يىلى 12 ‏-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خوتەن ۋە ئاتۇشتا قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى 2012 ‏-يىلغىچە تاماملاپ بولۇش پىلانلانغان. قوش تىللىق مائارىپنى تېز ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت 430 مىليون خەلق پۇلى ئاجراتقان.

ۋاڭ لېچۈئەن: " قوش تىللىق مائارىپ مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى"

ۋاڭ لېچۈەن، قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنىڭ سىياسىي غەرەزلىك ئىكەنلىكىنى 2005 ‏-يىلىمۇ بىر نۆۋەت ئاشكارىلىغان. شۇ يىلى 6‏-ئاينىڭ 24 ‏-كۈنى بىر خىزمەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ باش ۋەزىپىسى دەپ كۆرسەتكەن بولسا، 2006 ‏-يىلى جياڭسۇدا ئېچىلغان شىنجاڭ سىنىپى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېگەن:"شىنجاڭ سىنىپلىرىنى ئېچىش دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە ئامانلىقىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانى."

ۋاڭ لېچۈئەن تەرىپلەۋاتقان بۇ تۈر قوش تىللىق مائارىپ، يالغۇز ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، خەلقئارا قانۇنلاردىكى كۆپلىگەن كېلىشىملەرگىمۇ خىلاپ. خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتلەرگە پاش قىلىش چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدىكى مۇھىم بىر نۇقتا. ئەمما، ۋاڭ لېچۈئەن ئاشكارا تىلغا ئېلىۋاتقان، قوش تىللىق مائارىپنىڭ ماھىيىتىنى رەئىس نۇر بەكرى دۇنياغا پەدەزلەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇ ئۆتكەن ئاي، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە قوش تىللىق مائارىپنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش دەپ چۈشەندۈرگەن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقۇلۇش خەۋپىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت ئەمەس دەپ كۆرسەتكەن.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسىدە قىلغان "ئۇيغۇرلارنى كىچىكىدىن جۇڭخۇا مىللىتى قىلىپ يېتىشتۈرۈش" دېگەن سۆزى، ب ب س خەۋەر تورىدا، ئۇيغۇرلارنى كىچىكىدىن باشلاپ خىتايلاشتۇرۇش دەپ بېرىلدى. ئەمما شىنجاڭ خەۋەر تورىدا ۋاڭ لېچۈئەننىڭ سۆزىنىڭ بۇ قىسمى چىقىرىۋېتىلگەن. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.