
5 - ۋە 6- ئاۋغۇست كۈنلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھۆكۈمىتى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى پۇختا ۋە چوڭقۇر ئېلىپ بېرىش توغرىلىق يىغىن ئېچىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇئارىنى قايتا تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىسى: تەڭرىتاغ تورىدا 7- ئاۋغۇست بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە شىنجياڭ دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئىنتايىن مۇرەككەپ دەپ كۆرسەتكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ" شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى چوڭ تەدبىرلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ۋە سىياسىي - قانۇن سىستېمىسىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ پۇختا كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى مەغلۇپ قىلىش"نى تەكىتلىگەن ھەمدە پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا، ئاپتونوم رايون ئومۇمىيىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ۋاڭ لېچۈەننىڭ يەنە "ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش" شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟

ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇنداق شارائىتتا يەنە بۇ خىل شۇئارلارنى مەيدانغا چىقىرىشىغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بىر يىل قالغان ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17- قۇرۇلتايغا تەييارلىق قىلىنىۋاتقان پەيتتە، خىتاينىڭ بۇلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشتىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
نيۇ-يوركتىن چىقىدىغان" بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل يىغىننىڭ ھازىر ئېچىلىشىنى، چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىزچىل بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلەنمۇ ۋە كىچىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كېلەر يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى ۋە يېقىندا ئېچىلىدىغان پارتىيە 17- قۇرۇلتىيى بىلەنمۇ مۇئەييەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان كونتروللۇقىنى ھەمدە يەرلىكلەرنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىگە بولغان باستۇرۇش ئىشلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئولىمپىك جەريانىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتايغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇققا بەك كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق شارائىتتا خىتاي ۋە باشقا جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك ئامال - چارىلارنى قوللىنىپ ئۆز ئاۋازىنى سىرتقا ئاڭلىتىشنى خالايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ خىل ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىدىن ئەنسىرەپ، كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ " خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئولىمپىكنىڭ ئوخشىمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىدىغان ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىتىدىغان بىر ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىن ئېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا ئۇلار جىددىي تەييارلىق قىلىپ بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنى ھەر تەرەپتىن چەكلەشنى مەقسەت قىلغان " دېدى.
رابىيە خانىم: "ۋاڭ لېچۈەن ئۆز ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملەپ تالان-تاراج قىلىش مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتايدا دېموكراتىيە بولماسلىقىنى خالايدۇ"

ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇنداق تارىخى شارائىتتا ، ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر سەۋەبنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تالان-تاراج قىلىش سۇيىقەستىنى ئىزچىل ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشلىرىدا دېموكراتىيە ئىدىيىسىنىڭ خىتايغا ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ خىتاي رەھبەرلىكىگە بىر تەھدىت ئىكەنلىكى كۆرسەتكەن دئۇ ق نىڭ رەئىسى، سىياسىي پائالىيەتچى رابىيە خانىم: “ۋاڭ لېچۈەن ئۆز ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملەپ تالان-تاراج قىلىش مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتايدا دېموكراتىيە بولماسلىقىنى خالايدۇ دېدى.
بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ قېتىملىق يىغىننى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر يوشۇرۇن مەقسىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان سىياسىي پۇرسەتنى كوزىر قىلىپ باي بولۇش ئىكەنلىكىنىمۇ چەتكە قالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر خانىم: " ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئامېرىكىنى جىنايەتچى دەيدىغان ھەققى يوق"
يىغىن جەريانىدا سۆزلىگەن سۆزلەر ئىچىدە، ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر يېرى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئامېرىكىنى "غەربتىكى دۇشمەن كۈچلەرنىڭ كاتتىبېشى" دەپ ئاتىغانلىقى بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا ۋاڭ لېچۈەن سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: غەربتىكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق، مىللەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا قاراتقان غەربلەشتۈرۈش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش قىلمىشىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭگونى سوتسىيالىستىك دۆلەتتىن كاپىتالىستىك دۆلەتكە... ئايلاندۇرۇپ قويۇش."
تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلەرنى تەرغىب قىلىش ئىدىيىسى "جىنايى سۇيىقەستكە" ۋە "ئەكسىيەتچىل ماھىيەتكە" ئىگە دەپ كۆرسىتىلگەن.
رابىيە قادىر خانىم ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىيىنى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى تەرغىب قىلغۇچى دۆلەتلەرنى جىنايى ماھىيەتكە ئىگەدەپ ئاتايدىغان سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى، بەلكى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۆزىنىڭ بىر جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
دىلشات رىشىت : نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ
يىغىندا ۋاڭ لېچۈەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى نۇر بەكرى يىغىندا سۆز قىلىپ: "باشتىن - ئاخىر قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش" ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئۈچ خىل كۈچنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك” دەپ كۆرسەتكەن.
دىلشات رىشىت خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ ئەمەلىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىشتىكى ھېلىسى، خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش دەپ كۆرسەتتى ۋە نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم خىتاي ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى ئەيىبلەپ " ئۇلار چوقۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋىجدانى سوتىغا تارتىلىدۇ دېدى.
يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ سېكرېتارى، نازىر ليۇ ياۋخۇامۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. (جۈمە)