ۋاڭ لېچۇەننىڭ سۆزىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالتە سۇئال
2007.08.09
خەلقئارادا كەڭ تارقىلىدىغان 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى "ۋاڭ لېچۇەن ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىنجاڭدا زادى نېمە ۋەقە يۈز بەردى؟" ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى سى ماخەن ئەپەندىنىڭ كىملىكى ۋە نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى. ئەمما بۇ ماقالىنىڭ، دەل ھازىرقى 'شىنجاڭ مەسىلىسى' دېگەن مەسىلىدە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پەيدا بولغان جىددىي ئىختىلاپلارنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى مۇقىملىدى.
ۋاڭ لېچۇەن سۆزىدە 'ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ دۈشمەن كۈچلىرى' دەپ تىلغا ئالغان
---'شىنجاڭ گېزىتى' دە 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئېلان قىلىنغان 'تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنى چۇڭقۇر ۋە پۇختا يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايلى' دېگەن ماقالىنى ئوقۇدۇم، --- دەپ باشلايدۇ سى ماخەن ئەپەندى 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان "ۋاڭ لېچۇەن ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىنجاڭدا زادى نېمە ۋەقە يۈز بەردى؟" ناملىق ماقالىسىنى.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن شىنجاڭ مەسىلىسىنى خەلقئارالىق سىياسىي كۆرەش جەھەتتىكى يۈكسەك نوقتىدىن تەھلىل قىلىپ "ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ دۈشمەن كۈچلىرى كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ بىزگە قارىتا 'غەربلەشتۈرۈش' ، 'پارچىلاش' نى يولغا قويۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى بىزدىكى كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىكىنى، سوتسىيالىزىم تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇش، بىزنىڭ تېررىتورىيە ھوقۇقىمىزنى يوق قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەردە بۆلۈنۈش، قالايمىقانچىلىق ۋە بالايى-ئاپەت پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت" دېگەن ۋە كىشىلەرنى " بۇ كۆرەشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكىنى، كەسكىن ۋە مۇرەككەپلىكىنى چۇڭقۇر چۈشىنىپ يېتىش"كە چاقىرغان.
ۋاڭ لېچۇەن ساڭا مەركىزى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دېپلوماتىيە سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان ھوقۇقنى كىم بەردى؟
--- ۋاڭ لېچۇەن نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى 'ئۇزۇن مۇددەتلىك، كەسكىن ۋە مۇرەككەپ' دەپ كۆرسىتىدۇ؟ --- دەيدۇ ئاپتور سى ماخەن ئەپەندى يېڭى ئەسر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ۋاڭ لېچۇەننىڭ سۆزلىرىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان ئالتە تۈرلۈك سۇئالىنىڭ بىرىنچىسىدە.
--- ئەگەر شىنجاڭدا مەركەزنىڭ 'ئادەمنى ئاساسى ئورۇندا قويۇش' دېگەن سىياسىتى ئىجرا قىلىنغان بولسا، يەرلىك خەلق بۆلگۈنچىلىك قىلامتى؟
ئىككىنچى سۇئال : چەتئەل دۈشمەن كۈچلىرى شىنجاڭنىڭ چېگرىسىدىن قانداق كىرىپتۇ ، سىلەر چېگرىنى قانداق ساقلىغان؟ شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتقانلار قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن؟ ىسلەر بۇنىڭغا دەلىل -پاكىت كۆرسىتەلەمسىلەر؟ ئۈچىنچى سۇئال: شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ ھەربىي قوشۇنلىرى ساقلاۋاتىدۇ، سىلەر ئۆزەڭلار بۆلگۈنچىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، دەيسىلەر، ئەگەر شۇنداق بولسا، يەنە نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلق بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتىدۇ، دېگەننى ئاغزىڭلاردىن چۈشۈرمەيسىلەر؟ تۆتىنچى سۇئال: شىنجاڭدا يەرلىك خەلقنى باستۇرۇپ بولۇپ، كەينىدىن ئۇلارغا بۆلگۈنچى دەپ قالپاق كەيگۈزىدىغان ئەھۋال مەۋجۇتمۇ؟ خىزمەتتىكى خاتالىقلارنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن مەركەزنى ۋە پۈتۈن جۇڭگو خەلقنى ئالدايدىغان مەسىلە مەۋجۇتمۇ؟
بەشىنچى سۇئال: سەن ۋاڭ لېچۇەن ، يەرلىك پارتكوم مەسئۇلى، ئەمما مەركىزى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ھەتتا مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمايدىغان دېپلوماتىيە سىياسەتلىرىنى بەلگىلەيدىغان ھوقۇقنى ساڭا كىم بەرگەن؟
ئالتىنچى سۇئال: شىنجاڭدا زادى قانداق ۋەقە يۈز بەردى؟ ۋاڭ لېچۇەننىڭ يولغا قويغىنى راستىنلا 'ئىدىيىنى مەركەزنىڭ سىياسەتلىرىگە ۋە يەرلىك پارتكوملارنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا توغرىلاش'تىنلا ئىبارەت بولدىمۇ؟
ئاپتور سى ماخەن ئەپەندى يېڭى ئەسر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان "ۋاڭ لېچۇەن ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىنجاڭدا زادى نېمە ۋەقە يۈز بەردى؟" دېگەن ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان سۇئاللارنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ سۇئاللار ئەھۋالنى كۈزىتىۋاتقان مەلۇم رەھبىرى ئورگاندىكى بىر كادىرنىڭ ۋاڭ لېچۇەننىڭ سۆزىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۇئاللىرىلا ئەمەس، بەلكى ۋاڭ لېچۇەننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھەممە ئادەمنىڭ ئويلاپ كۆرۈشى ئۈچۈنمۇ ئوتتۇرىغا قويغان سۇئاللار ئىكەنلىكى ئېنىق.
ئاپتور ماقالىسىدىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان سەلبىي ماتېرىيال
ئاپتور يېڭى ئەسر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان "ۋاڭ لېچۇەن ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىنجاڭدا زادى نېمە ۋەقە يۈز بەردى؟" ناملىق ماقالىسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى'دە ئېلان قىلىنغان ۋاڭ لېچۇەننىڭ سۆزلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرىنىڭ يەرلىك بۆلگۈنچىلەرنى رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلىش، شىنجاڭنى چەتئەللەرگە ياخشى تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن سۆزلىرى ھەققىدىكى تېكىستلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە سەلبىي ماتېرىيال سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان. (ۋەلى)