خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋاڭ لېچۈەننىڭ "ئاشنىدارچىلىق سەتچىلىكى" گە چېتىلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى


2007.09.24

WangLe--150.jpg
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن. AFP Photo.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تۇنجى قېتىم بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇن يەنى كومپارتىيىنىڭ 16 - قۇرۇلتىيى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، شۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ۋاڭ لېچۈەن كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ئىدى. بۇ ۋەقە نۇرغۇن كىشىلەردە "ۋاڭ لېچۈەن ئىچكىرىگە كېتىدىغان بولدى " دەيدىغان تۇيغۇ پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭ لېچۈەن ئىچكىرىگە كەتمەيلا قالماي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارلىقىغا يەنە بىر قېتىم تەيىنلەنگەن ئىدى. ئۇ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارلىقىنى تاشلىمىدى. بۇ قېتىمقى 17 - قۇرۇلتايدا ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولامدۇ ؟ ۋاڭ لېچۈەننىڭ " ئاشنىدارچىلىق سەتچىلىكى" بىلەن ئالاقىسى بارمۇ ؟

ۋاڭ لېچۈەننىڭ ج خ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىش ئېھتىمالى ئازايغان

چەتئەلدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرسە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ يۇڭكاڭنىڭ ئورنىغا قويۇلاتتى. ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئائىلىسى بولسا كۆچۈشنىڭ تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، بېيجىڭدا يېڭى تۇرالغۇ جاي سالدۇرماقتا ئىدى. لېكىن ئامېرىكىدا تارقىتىلىدىغان دوۋېي ئاخبارات تورى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىش ئىشىدا ئۆزگىرىش بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، چۈنكى ۋاڭ لېچۈەن خىتاي مالىيە مىنىستىرى جىن رېنچىڭنىڭ لى ۋېي ئىسىملىك ئوينىشى بىلەن " ئاشنىدارچىلىق سەتچىلىكى " گە چېتىلىپ قالغانلىقىنى يازدى.

دۇۋېي ئاخبارات تورىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە ۋاڭ لېچۈەن سەندۇڭدىن 1991 - يىلى ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يىلتىزى يەنىلا سەندۇڭدا بولۇپ، ئۇ سەندۇڭدىكى ئەمەلدارلار قاتلىمى ۋە سودا ‏- سانائەت ساھەسى بىلەن زىچ ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەن. خەۋەرلەردە جىن رېچىڭنىڭ ئاشنىسى لى ۋېينىڭ خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت ئەزاسى دۇ شىچېڭ، چېن توڭخەي قاتارلىقلار ۋە سەندۇڭدا خىزمەت قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 نەپەر ئەمەلدار بىلەن "جىنسىي سەتچىلىك " كە ياتىدىغان ئالاقىدە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ سەتچىلىككە چېتىلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوۋېي ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ ۋەقە تۈپەيلى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ج خ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىش ئېھتىمالى ئازايغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مەزكۇر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ قىياس قىلىشىچە، ئەگەر ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ سەتچىلىككە چېتىلىپ قېلىش ۋەقەسى راست بولسا، ج خ مىنىستىرى بۇ قېتىم باشقا ئۆلكىلەرنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىرى ئىچىدىن تاللىنىشى مۇمكىن.

چىرىكلىكنى تازىلايمەن دېسە خۇ جىنتاۋنىڭ يېنىدا ئادەم قالمايدۇ

بەزى ئانالىزچىلار، بۇ ۋەقە راست بولۇپ چىققان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ ۋاڭ لېچۈەنگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئانالىزچى ليۇ شاۋجۇي بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ، "ھازىر ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر كومپارتىيە يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئۈچۈن چوڭ ئىش ئەمەس بولۇپ قالدى. بۇرۇن مەتبۇئات ۋە تور بەتلەردە 5- ئەۋلاد كادىرلارنىڭ ھوقۇقنى ۋاكالىتەن ئىگىلىۋالمايدىغانلىقىنى، ئۇلاردا چىرىكلىك ئەھۋالى بولمايدىغانلىقىنى يازاتتى. ئەمەلىيەتتە خۇ جىنتاۋغا سادىق بولسىلا ئۆستۈرۈلمەكتە. ئاشنا تۇتۇش، تۇرمۇش ئىستىلىدىكى مەسىلە چېرىكلىكنىڭ كىچىك بىر قىسىمىدىنلا ئىبارەت. ئەگەر خۇ جىنتاۋ بۇ ئىشلارنى توسايمەن دېسە ئەتراپىدا ئادەم قالماسلىقى مۇمكىن."

ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ

جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 20 - ئەسىرنىڭ 50 ‏- ۋە 60 - يىللىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن ھېسابلىناتتى. لېكىن 1977 - يىلى ئەينى دەۋرنىڭ ج خ مىنىستىرى خۇا گوفېڭ كومپارتىيە رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سىياسىي بيۇروغا ئەزا بولۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن. لېكىن بۇ ۋەزىيەت ھازىرقى ج خ مىنىستىرى جاۋ يۇڭكاڭ دەۋرىدە ئۆزگەردى ۋە ج خ مىنىستىرى سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى. ۋاڭ لېچۈەن، 2002 - يىلى كومپارتىيىنىڭ 16 - قۇرۇلتىيىدا كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىرىغا سايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىپىسىنى تاشلىماي كەلمەكتە ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر ئەينى چاغدا بۇ ئۇيغۇر ئېلىنى تۆمۈر مۇشت بىلەن سوراۋاتقان ۋاڭ لېچۈەننى تەقدىرلەشلا ئەمەس، بۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكىدىكى ئانالىزچى ليۇ شاۋجۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر ۋاڭ لېچۈەن ج خ مىنىستىرلىقىغا يۆتكەلسە، بۇ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

11 - سېنتەبىر ۋەقەسى ۋاڭ لېچۈەنگە پۇرسەت ياراتتى

بۇ ۋەزىپىدە ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تەجرىبىسىنى كۆزدە تۇتقان دېيىشكە بولىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن ليۇ شاۋجۇ، " بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشتا بولۇپمۇ شىنجياڭ ۋە شىزاڭدىكى بېسىمى يېنىكلەپ باقمىدى. ئۇنىڭ يېنىكلەيدىغانلىقىدىن بىشارەتمۇ يوق. شۇڭا ج خ مىنىستىرىنىڭ شىنجياڭدىن چىقىشى ئۇلارنىڭ ھازىرقى سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ دۆلەت ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئوخشىمىغان پىكىر ۋە قاراشتىكى كىشىلەرگە داۋاملىق زەربە بېرىشى چوقۇم "دەيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ 2002 ‏-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئامېرىكىنىڭ قارارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ كومپارتىيە ئىچىدە شۆھرەت قازىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش، ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن. چۈنكى ئۇ، بىر كېچىدىلا ئاتالمىش خىتاي ۋە خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى رەھبەرلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.