ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن ۋاڭ لىجۈن مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى

ۋاڭ لىجۈن ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتا، ۋاڭ لىجۈن «ئاسىيلىق قىلىش»، «ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى يەنە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.09.20
wang-lijun-sqchilar-bilen-305.jpg چۇڭچىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ لىجۈن تارماق ساقچى ئورگىنىدىكى ساقچىلار بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2009-يىلى 12-ئىيۇل، چوڭچىڭ.
Imaginechina

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-سېنتەبىر كەچ «ۋاڭ لىجۈن دېلوسىنىڭ باش-ئاخىرى» ناملىق 6000 خەتلىك ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇندىن باشقا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاينىڭ خەلق گېزىتى، يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ھەم خىتايدىكى شىنلاڭ، سۇخو قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىمۇ چۇڭچىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ سوت ئەھۋالى ۋە ۋاڭ لىجۈننىڭ پاش قىلىشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەي ۋە ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيرىۋودنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار خەۋەرلەر كۆپەيدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىدە 17-،18- سېنتەبىر ئىككى كۈن داۋاملاشقان ۋاڭ لىجۈننى ئەيىبلەش سوتىدا، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ لىجۈن ئاسىيلىق قىلىش، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، پارا ئېلىش قاتارلىق 4 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن. تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبنامىدە ۋاڭ لىجۈننى «خىزمەت ۋاقتىدا ۋەزىپىسىنى تاشلاپ، چېڭدۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىشى ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى»، «تەستىقسىز ياكى يالغان تەستىقنامە ياساپ، تېخنىكىلىق رازۋېدكا ۋاسىتىلىرىنى قانۇنسىز قوللىنىشى ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن» دېگەن جۈملىلەرنى ئىشلەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان باشقا خەۋەرلىرىدە يەنە، ۋاڭ لىجۈننىڭ پاناھلىق تىلىگەن يازمىچە ماتېرىيالىنى ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاڭ لىجۈننىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسىنى رەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن بو شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى، گۇ كەيلەينىڭ جازاغا تارتىلىشى، ۋاڭ لىجۈن ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتا ۋاڭ لىجۈننىڭ ئۆزىنى ئاقلاپ قىلغان سۆزلىرى قاتارلىقلار بىرقەدەر تەپسىلىي بېرىلگەن.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمى ئىچىدىكى زىددىيەت ۋە ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيدى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاراشلىرى بايان قىلىنىپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان كۆپىيىشىنىڭ، خىتاينىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىك قاتلىمى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ھارپىسىدا، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلار گۇرۇھى ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ئەمەلىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 19-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ۋاڭ لىجۈن دېلوسىنىڭ باش- ئاخىرى» ناملىق ماقالىسىدىكى«بۇلتۇر 11-ئايدا ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيىل خەيۋۇدنىڭ ئۆلۈم دېلوسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ۋاڭ لىجۈننىڭ، خەيرۋودنىڭ چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق باشلىقى بو شىلەيگە دوكلات قىلغىنىدا، بو شىلەي تەرىپىدىن بىر تەستەك يېيىشى، ئۇنى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىشكە مەجبۇر قىلغان» دېگەن بايانلار نەقىل ئېلىنىپ،«ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتلىمىدىكى سەتچىلىكلەرنى ئاشكارىلىدى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە «خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئەينى چاغدا چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيە پۇقراسى نېيل خەيۋۇدنى قەستلەپ ئولتۇرۇش جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا باش ئۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈن بۇ يىل 6-فېۋرال كۈنى ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگەن. ۋاڭ لىجۈن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن. ئەمما ئەينى چاغدا ئامېرىكا دائىرىلىرى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇندىن بۇيان بۇ ۋەقە ھەققىدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ۋە خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ۋاڭ لىجۈننىڭ بو شىلەي تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كىرىپ ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى چەكلەپ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرى قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدىكى خەۋەرلەرنى بەردى دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا بو شىلەي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، نەزەربەند قىلىنغان، بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيرىۋودنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

ۋاڭ لىجۈننىڭ پاش قىلىشى نەتىجىسىدە بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي قولغا ئېلىنىپ، بۇ يىل 8‏-ئايدا ئەنخۇينىڭ خېفېي شەھىرىدە سوتلانغان ۋە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە بو شىلەي پارتىيە ئىچىدىكى بارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھازىرغا قەدەر بىر تەرەپ قىلىنمىغان. ئۇنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى كىشىلەر يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان يەنە بىر قىزىق تېما بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.